• شىۋېتسىيىدىكى تارىخىي ماتېرىياللاردا ئۇيغۇر كىيىم -كېچەكلىرى توغرىسىدا(1 )

    2009-04-20


    版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
    http://www.blogbus.com/tiwish-logs/38191753.html

    شىۋىتسىيىدىكى تارىخىي ماتېرىياللاردا ئۇيغۇر كىيىم –كېچەكلىرى توغرىسىدا

     

                                                                              زۇلھايات ئۆتكۈر

     

         1890-يىللىرىدىن باشلاپ شىۋېت ئېكىسپىدىتسىيىچىلىرىنىڭ قەدىمى زىمىنىمىزغا تەككەن بولۇپ،سۋېن ھېدىن(1865-1952)تۇنجى قېتىم ھىمالايا تېغىدىن ئۆتۈپ ئوتتۇرا ئاسىياغا ئېكىسپىدىتسىيە سەپىرىدە بولغان تۇنجى شىۋېتىسىيىلىك ئېكىسپىدىتسىيىچى.ئۇ تۇنجى قېتىم 1893-،1897 يىللىرى تارىم ئويمانلىقى، پامىر ئىگىزلىكى تەكلىمان چۆللىكىدە قېدىرىپ تەكشۈرۈشتە بولغان بولۇپ، شۇندىن كېيىن ئۇ ئوتتۇرا ئاسىياغا تۆت قېتىم ئېكىسپىدىتسىيەدە بولغان، جۈملىدىن 1927-يىلىدىن 1935-يىلغىچە يەنە بىر قېتىم شىۋېتسىيە-جۇڭگو ئېكىسپىدىتسىيە ئۆمىكى بىلەن بىرلىكتە يەنە بىر قېتىم تەكشۈرۈشتە بولغان.ئۇ زىمىنىمىزدا كىروران قەدىمىي خارابىسىنى بايقاشقا ئوخشاش تۆھپىلەرنى ياراتقاندىن باشقا يەنە نۇرغۇنلىغان  تارىخىي، ئارخېلوگىيىلىك ۋە ئېتنوگرافىك ماتېرىياللارنى غەرپ ئەللىرىگە ئېلىپ كەلگەن.ئۇنىڭئېلىپ كەلگەن يۇرتىمىزغا ئائىت كۈندىلىك خاتىرە، خەرىتە، فوتو رەسىم، ھايۋانات ۋە ئۆسۈملۈك ئەۋرىشكىسى قاتارلىقلار ھازىر شىۋىتسىيە ئېتنوگرافىيە مۇزىيى ۋە تەبىئەت تارىخ مۇزىيىدا ساقلانماقتا.

       1892-1938-يىلغىچە شىۋېت مسسىيونىرلار جەمىيىتىنىڭ تەشكىللىشى بىلەن شىۋىت مىسسىيونىرلىرى قەشقەر، ياركەنت ۋە يېڭىسارلاردا مىسسىيونىرلىق پائالىيەتلىرىدە بولغان.ئەينى ۋاقىتتا ئەقىدىسى كۈچلۈك بولغان بۇ مۇسۇلمانلارنى خىرىستىيانغا ئايلاندۇرۇش ئانچە ئاسان ئىش ئەمەسىدى.شۇنىڭ بىلەن مىسسىيونېرلار داۋالاش، دارىلتام- مەكتەپ ئېچىش،قول ھۈنەرۋەن تەربىيىلەش قاتارلىق تېخنىكىلىق ياردەم ئىشلىرى بىلەن شۇغۇللىنىدۇ ۋە 1912-يىلى قەشقەردە باسما زاۋۇتى قۇرۇپ چىقىدۇ .شىۋېتسىيىلىك مەشھۇر دىپلومات ، تىلشۇناس ئالىم گۇننار ياررىڭ(1907-2002)تىل ئۆگىنىش مەقسدىدە قەشقەرگە كېلىدۇ.ئۇ قەشقەردە مىسسىيونىرلار بازىسىدا تۇرىدۇ ۋە شۇ جەرياندا يەرلىك خەلقتىن ۋە مىسسىيونېرلارنىڭ ئىئانە قىلغان نۇغۇن كۈندىلىك خاتىرە، خەت-چەك، تارتقان رەسىم ، شۇنداقلا قەشقەردىكى مىسسىيون باسما زاۋۇتىدا بېسىلغان تۈرلۈك ئەدەبىي ئەسەرلەر، كالېندار، زىيارەت لېنتىسى، نېگاتىپ، دەرسلىك كىتاپ ،گېزىت ،جۇرنال قاتارلىق ماتىرىياللارنى شىۋېتسىيىگە ئېلىپ كېلىپ ، بىر قىسمىنى لۇند ئۇنىۋېتسىتېتى كۈتۈپخانىسغا ئىئانا قىلىدۇ. بۇ ساقلانمىلاردۇنيا بويىچە  ھازىرغىچە ساقلانغان ئۈچىنچى چوڭ ئۇيغۇرلارغا ئائىت قول يازما توپلىمى بولۇپ1100 تېمىدىكى 560 پارچە قول يازمىدىن تەركىپ تاپىدۇ.بۇ خىل بايلىقلار بىزنىڭ 150 يىللىق تارىخىي، مەدەنىي مىراسلىرىمىزنى تەتقىق قىلىش، ئىزدىنىشتە ناھايىتى قىممەتلىك ماتېرىيال بولۇپ ساقلانماقتا.قول يازمىلار پەقەت فىلولوگىيىلىك،تارىخىي تەتقىقات قىممىتىگە ئىگە بولۇپلا قالماي يەنە ئۆز دەۋرىدىكى شىنجاڭ جەمئىيىتىنىڭ دىنىي ۋەزىيىتى، تىببىي داۋالاش، قانۇن تۈزۈم، قول ھۈنەرۋەنچىلىك  ،مىستىسىزىم قاتارلىق ۋەزىيىتىنى چۈشىنىش، تەتقىق قىلىشتىمۇ زور قىممەتكە ئىگە.

       مەن ئۆزۈمنىڭ شىۋىتسىيە خانلىق كۈتۈپخانىسى، شىۋىتسىيە دۆلەتلىك ئارخىپى ، مىسسىيونىرلار چېركاۋى ئارخىبخانىسى ، ئېتنوگرافىيە مۇزىيى قاتارلىق ئورۇنلارغا بېرىپ يۇقىرىقى قول يازما ، رەسىملەرنى كۆرۈشكە ، ئۈن ئالغۇ لېنتىلىرىنى ئاڭلاش پۇرسىتىگە ئىگە بولدۇم. قول يازمىلارنىڭ بەزىلىرى خوتەن قەغىزىگە، بەزىلىرى روس ۋە شىۋىت قەغەزلىرىگە يېزىپ قالدۇرۇلغان ئىكەن. ئۇلارنىڭ 75%ى ئۇيغۇر تىلىدا ياكى چاغاتاي تىلىدا يېزىلغان .

       مەن شىۋېتسىيەدە ساقلانغان بىر قىسىم ماتىرىياللارغا ئاساسەن ئۇيغۇر يېقىنقى زامان كىيىم كېچەكلىرى توغرىىسىدا  ئازراق ئىزدەندىم.

       ئۇيغۇرلارنىڭ يۈرۈش تۇرۇشى، كىيىنىشكە ئېتىباربېرىشى، ۋە قول ھۈنەرۋەنچىلىك، دېھقانچىلىق ، ئىشلەپچىقىرىش ئۇسۇللىرىدىكى ئۆزگىچىلىكلەر مىسسىيونىرلار ۋە ئارخېلوگلارنىڭ دىققىتىنى تارتقان ۋە بۇ ھەقتە خاتىرە قالدۇرغان.ماتېرىياللارغا ئاساسلانغاندا ئۇيغۇرلارنىڭ ئەجدادلىرى مىلادى 2-ئەسىردىن باشلاپلا يۇڭ، يىپەك ۋە ئۆسۈملۈك تالالىرىدىن كىيىم كىيىشنى باشلىغان.بۇ شۇ زاماندىلا ئۇيغۇرلارنىڭ توقۇمىچىلىق، بوياقچىلىق، چارۋىچىلىق ۋە قول ھۈنەرۋەنچىلىكىنىڭ تەرەققىي قىلغانلىقىنى ، تارىختا ئۆزگىچە خاس ئۇسلۇب ياراتقانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ.

       ئۇيغۇر كىيىم كېچەكلىرىنىڭ جىنسىي ئايرىمىلىق ،ياش-قورام، پەسىل ۋە سورۇنغا قاراپ ئايرىلىشى ناھايىتى ئېنىق بولۇپ، رەڭ، ماتېرىيال، ۋە پاسون جەھەتتىن روشەن پەرققە ئىگە.

     

    ئاياللار ئىگەنلىرى

     

         ئەينى ۋاقىتتىكى مىسسىيونېرلاردىن بىرى بولغان سىگرىد .ھۆگبېري    Sigrid Högberg   نىڭ قالدۇرغان كۈندىلىك

    خاتىرىسىگە ئاساسلانغاندا، ئۇيغۇر ئاياللىرى كىيىم-كېچەك ۋە زىبۇ زىننەتكە ھېرىسمەن بولۇپ، ئۇلارنى

    ھەتتا ئىجتىمائىي ئورۇننى بەلگىلەشنىڭ ئۆلچىمى دەپ قارىغان.پەقەت كىيىم كېچەك ، ياسىنىشتىنلا ئاياللارنىڭ قايسىسىنىڭ  خوجايىن ۋە قايسىسىنىڭ مۇلازىم ئىكەنلىكىگە ھۆكۈم قىلغىلى بولىدىغان بولۇپ،مەيلى خوجايىن ئايال ياكى مۇلازىملار بولسۇن ھەممىسىنىڭ ئاغزىدىن ئئوخشاشلا قوپال تىللارنى ئاڭلىغىلى ۋە بولمىغۇر ئىش ھەرىكەتلەرنى ئۇچرىتىش تەس ئەمەس.شۇڭا ئۇيغۇر جەمىيىتىدە خوجايىن بىلەن مالايلار ئوتتۇرىسىدا   غەرپ ئەللىرىدىكىگە ئوخشىمايدىغان بىر خىل يېقىن ، قويۇق مۇناسىۋەت بولۇپ، مالايلار شۇ ئائىلنىڭ بارلىق پىنھان سىرلىرىنى ساقلىيالايدۇ ۋە ئائىلىدە يۈز بەرگەن بارلىق قۇتلۇق ئىشلاردىن شۇنداقلا جەڭگە جىدەللەردىن خەۋەر تېپىپ تۇرىدۇ  .1

                      ''كىيىملەرنىڭ بايانى ''دىگەن قول يامزىغائاساسەن باي ئاياللارنىڭ يۈرۈش- تۇرۇشى مۇنداق تەسۋىرلىنىدۇ:ئۇيغۇر ئاياللىرى ئالتۇن ھالقا، ئالتۇن تاج ۋە ئەتلەس كۆينەكنى ئەڭ ياقتۇرىدۇ.ئۇلار يەنە تاۋار، دۇخاۋا ۋەچەكمەنلەردىمۇ ئوشۇقىغا كېلىدىغان كۆينەك تىكتۈرۈپ كىيىشنى ۋە تۈرلۈك ماتېرىياللاردىن تىكىلگەن شالۋار كىيىشنى ياخشى كۆرىدۇ.ئاندىن ئۇلار يەنە كىيىمنىڭ تۆپىگە ئاق رەڭلىك پەرىجە  يېڭى ئۇزۇن پەرىجە ۋە كىيىدۇ،لېكىن ئۇنىڭ يېڭىنى ساپمايدۇ. بېشىغا بولسا لىچەك سالىدۇ.لېكىن خوتەن ۋە يەركەننتە بولسا پەرىجە ئورىمايدۇ، ئۇلار تۆت چاسا كېلىدىغان  ھىندىستان داكىسىدىن تاكى تاپىنىغا كەلگۈدەك لىچەك ئارتىشىدىغان بولۇپ، بۇ خىل لىچەك بەھرى دەپ ئاتىلىدۇ.گەردىش دەپ ئاتىلىدىغان يەنە بىر خىل لىچەك بولۇپ، پۈتۈنلەي كەشتە بىلەن تىكىلگەن. ئۇيغۇر ئاياللىرى ياز پەسلىدە تولىسى نەپىس مەشۈت لىباسلاردىن كىيىم كىيسە، قىش پەسلىدە يېنىك كۆرپىلەردىن تىكىلگەن جۇۋىلارنى تىككۈزۈپ، ئىزمە تۈگمىلىرىگە ئۈچ مىسقاللىق تەڭىگىنى تۈگمە قىلىپ كىيىدۇ.

     

      

      بۇرۇنقى زاماندا ئۇيغۇر ئايالللىرى پەقەت قىزىل رەڭنىلا ۋەكىل خاراكتېرىگە ئىگە دەپ ئويلايتتى. لېكىن ھازىر ئۇلار رەڭگارەڭ رەڭلەردە كىيىنىدىغان بولۇپ رەڭ چەكلىمىسى يوق.

      ئۇيغۇر ئايال كىيىم كېچەكلىرىدە ياقا كۆزگە تاشلىنىپ تۇرىدىغان بولۇپ، ئادەتتە چوڭراق ياقىنى ياقتۇرىشىدۇ.ئاياللار كەڭرەك شالۋار كىيىدىغان بولۇپ، پاختىلىق شىمنى تار قىلىپ كىيىدۇ،ۋە قۇر (بەلۋاغ)بىلەن بېلىدىن باغلىۋالىدۇ.ئۇلار يەنە تىزىغا ياكى ئوشۇقىغا كېلىدىغان تۈرلۈك رەڭىدىكى رەختلەردىن ئۆزارا ئۇلاپ تىكىلگەن قۇراق ئىشتانلارنىمۇ كىيىشىدۇ.  ئۇيغۇر ئاياللىرى يەنە بۇرۇنقى زامانلاردا بافتۇ دەپ ئاتىلىدىغان بىر خىل چاپان كىيىدىغان بولۇپ، تامامەن يىڭنىدە ئىلمىدوزلۇق بىلەن مەشۈت يىپتا گۈل تىكىپ تەييارلىناتتى.ئۇلار ھەتتا ئۆتۈكلىرىگە ۋە ساپما كەشلىرىگىمۇ كالاتۇن يىپتا گۈل چېكىپ كىيىشەتتى.

       ئۇلار يەنە كىيىملىرىنىڭ ياقا ۋە پەشلىرىگە كۆك پاختا رەختتىن ئەستەرلىك قىلىپ كىيىم كىيىشىدۇ، بۇ كىيىمنى تېخىمۇ قېلىپقا كىرگۈزۈپ ، سىپتا ۋە جۇلالىق كۆرسىتىدۇ.

       ئۇيغۇر ئاياللار كىيىم كېچەكلىرى ئىچىدە ياش قىزلار بىلەن توي قىلغان جۇۋانلارنىڭ كىيىنىش ئادەتلىرىمۇ روشەن پەرقلىنىدۇ.جۇۋان بولۇش ئۈچۈن ئالاھىدە مېھمان چاقىرىپ، قوي ئۆلتۈرۈپ، يېڭى ئىگەنلەرنى تەييارلاپ، جۇۋان تويى بېرىلىدۇ ۋە جۇۋانچە كۆڭلەك يەنى ئىراقىي كىيىپ ئۇنىڭ ئۈستىدىن ئۈچ چى ئۇزۇنلۇقتىكى پوتا بىلەن باغلىۋالىدۇ.جۇۋانچە كىيىملەر ئادەتتا ياندىن تۈگمىلىنىدىغان بولۇپ، نەشپۈت شەكىللىك يوغان تۈگمىلەر بېكىتىلگەن. تۈگمىلەر ئالتۇنغا بەش دانە قىزىل ياقۇت ئولتۇرغۇزۇپ ، چۆرىسىگە يېشىل ياقۇتتىن زىننەت بېرىلگەن شەكىلدە ياسالغان.

       يۇقىرىقى بايانلاردىن كۆرىۋېلىشقا بولىدۇكى، ئۇيغۇر ئاياللىرى ئەزەلدىن كىيىملىكنىڭ ماتېرىيالىغا ۋە تۇرمۇشقا قولايلىق، سورۇنغا ماس كېلىشكە ئەھمىيەت بېرىپ كەلگەن.

       يەنە بىر مىسسيونىر مارىيا لوۋىسانىڭ1912-يىلى 14-ئاپرىلدا ئائىلىسىگە يازغان بىر پارچە خېتىدە ئۆز ۋاقتىدىكى قەشقەردىكى مىسسىونېرلار دوختۇرخانىسىغا كېلىپ داۋالانغان ئۇيغۇر ئايالىرىنىڭ پاختا، قېلىن يىپەك ۋە دۇخاۋىلاردىن ئۇزۇن كۆينەك كىيىدىغانلىقى، ئۇلارنىڭ مەرۋايىت ،زىرە، ياقۇتلاردىن زىبۇ- زىننەت تاقايدىغانلىقىنى بايان قىلىدۇ.

     

     

     

     

       ئۇندىن باشقا ئاياللار كىيىملىرىدىن يەنە نىمچە، خەنتازە(خەنزۇتىلىدىن كىرگەن)،جىلەتكە قاتارلىق كىيىملەرمۇ بار.

    ئەرلەر ئىگەنلىرى

                                                                                                                              

       ئۇيغۇر ئەرلىرى تولىسى خەسىدىن تىكىلگەن كۆينەك ۋە تامباللارنى كىيىشنى ياقتۇرىدۇ.ئاساسلىقى كۈلرەڭ،قارا ۋە ئاق رەڭلىك كىيىملەرنى كىيىشىدۇ.ياز كۈنلىرى كۆينەكنىڭ سىرتىغا يەكتەك ياكى كەنزۇر دەپ ئاتىلىدىغان تون كىيىشىدۇ ۋە بەلۋاق بىلەن تونىنى باغلىۋالىدۇ.بۇ خىل بەلۋاغلار قىزىل، يېشىل، سېرىق ، قارا ۋە ئاق رەڭلەردە بولىدۇ.ياشلار قىزىل ۋە بېغىررەڭگە ئوخشاش ئوچۇق رەڭلەردە، ياشانغانلار تۇتۇقراق رەڭلەردە پوتا باغلايدۇ.ئەڭ ئۈستىگە پاختىسىز يوللۇق يىپەك بەقەسەم چاپان كىيىدۇ.ئەرلەرنىڭ كىيىملىرىدە پەقەتلا بىرلا ئىزما ۋە بىرلا تۈگمە بولىدۇ.بالىلار ۋە ياشلار بولسا، كەنزۇر توننى كۆپرەك كىيىدۇ،شۇنىڭغا مۇناسىپ ساقال بۇرۇتى بار كىشىلەر يەكتەك كىيىدۇ.پەقەت يەكتەك ۋە كەنزۇرنىڭلا يانچۇقى بولىدۇ، قالغان كىيىملەرگە يانچۇق سېلىنمايدۇ.

      ئۇيغۇرلارنىڭ بەلۋاق باغلاش ئۆرپ ئادىتى ئارخېلوگىيىلىك تارىخىي ماتېرىياللاردىمۇ خاتىرىلەنگەن بولۇپ، داڭلىق توقۇلما مۇتەخەسىسى ۋىۋى سىلۋان(  1870- 1961Vivi Sylwanسىۋېن ھېدىن ۋە بېريمانلاركىروران خارابىلىقىدىن تېپىلغان  شىۋېتسىيىگە ئېلىپ كەلگەن توقۇلما بۇيۇملارغا ئاساسەن ،يېزىپ چىققان'' كىروران يۇڭ توقۇلمىلىرى ''ناملىق كىتابىدا، يۇڭ يىپ، شوينا، بوقۇچ دىگەن سۆزلەرنى كۆپ قېتىم تىلغا ئالغان.

       ۋىۋى سىلۋان كىروراندىن تېپىلغان موميالارنىڭ كىيىم كېچەكلىرى ئۈستىدە توختىلىپ، ئەينى ۋاقىتتا ئەر ۋە ئاياللار تېرىدىن تىكىلگەن، تىزىغا كېلىدىغان ئالدى ئوچۇق كىيىملەرنى كىيىپ،  يۇڭ يىپتىن ئېشىلگەن  بەلۋاقلار بىلەن باغلىۋالىدىغانلىقىنى ، ئاياللارنىڭ تونىنىڭ ئەرلەرگە قارىغاندا كەڭرەك بولىغىغانلىقىنى بايان قىلىدۇ.ياۋروپادا بولسا، بۇ خىل ئالدى ئوچۇق توننى پەقەت بالىلىق ئاياللارلا كىيىدىغان بولۇپ، چۈنكى بۇ ئۇلارنىڭ بالا ئېمىتىشىگە قولايلىق ئىدى.2

               شىۋىتسىيىلىك ئارخېلوگ Folke Bergman(1902-1946) قۇم دەريا دېلتىسىدىن تېپىلغان قەۋرىلەردىكى كىيىم كېچەكلەرنى مۇندق تەسۋىرلەيدۇ:ئالدىدا   ئىككى پېشى بار، ئالدى ئوچۇق كىيىم بويالمغان ئاق يۇڭ يىپتىن توقۇلغان بولۇپ،يىپنىڭ  كەڭلىكى  2م م ،بەلۋاغ قىزىل رەڭلىك يىپتىن بوش قىلىپ توقۇلغان بولۇپ، يىپنىڭ كەڭلىكى 4 م م كېلىدۇ.كىيىملەرنىڭ توقۇلۇش سەنئىتىمۇ ئۇنى ھەيران قالدۇرغان.ئۇ يەنە كىيىملەرنىڭ ناھايىتى سىلىق توقۇلىشىغا ۋە سۈپىتىنىڭ يۇقىرىلىقىغا قاراپ، تۆگە ياكى باشقا ھايۋانلارنىڭ يۇڭىدىن ئەمەس ، قوي يۇڭىدىن توقۇلغىنىنى ئىسپاتلاپ چىققان شۇنداقلا شۇ خىل قويلارنىڭ ئىرقىنڭ كاۋكاز-پارىس ئىرقىدىكى قويلار ئىكىەنلىكىنى قىياس قىلىپ، شۇ تۇپراقتا ياشىغان كىشىلەرنىڭ دېھقانچىلىق بىلەن شۇغۇللىنىدىغانلىقىننى، ۋە تۆگە ، ئات،ئىشەك  قاتارلىق ھايۋانلارنى باقىدىغانلىقىنى ،دەريا بويىدا بېلىقچىلىق قىلىدىغانلىقىنى، ۋە كۆپ قىسىم كىشىلەرنىڭ قومۇشلۇقتا ياكى تۈزلەڭلىكتە ئوۋچىلىق قىلىىدىغانلىقنىمۇ ئوتتۇرىغا قويغان.دىققەت قىلىشقا تېگىشلىك يەنە بىر پاكىت شۇكى، يۇڭچىلىق ئۇلارنىڭ ئاساسلىق سودا ئوبېكتى بولۇپ، ئىچكىرى ئۆلكىلەردە ئەينى دەۋردە تېخى ئۇنداق تېخنىكا يوق بولغاچقا، ئاساسلىقى شۇلارنى يۇڭ توقۇمىچىلىق بۇيۇملىرى بىلەن تەمىنلەپ كەلگەن.

     

    باش كىيىملەر

        ئۇيغۇرلارنىڭ باش كىيىملىرىدىن تۇماق،كۇلا، دوپپا،پوسما، تەلپەك قاتارلىقلار بولۇپ،ئۇيغۇرلارنىڭ ياشاش مۇھىتى ۋە مىللىي تەركىپلىرىنىڭ ئۆزگىرىپ تۇرىشغا ئەگىشىپ قالپاق، سەللە،قۇلاقچا  قاتارلىقلارمۇ ئۇچرايدۇ.

       مۆتىۋەر كىشىلەر ھىندىستان داكىسىدىن بېشىغا سەللە يۆگەيدۇ، ياشلار بولسا سۆسەر، تۈلكە، كۆرپە ۋە بۇلغۇن تېرىلىرىدىن تۇماق كىيىشىدۇ.

       ئەرلەرنىڭ تۇماقلىرى كۆك رەڭلىك يىپەك ياكى پاختا رەختتە تىكىلىدۇ ۋە شەكلى گۈمبەز شەكىلدە بولىدۇ.

       ئاياللار كەمچەت تۇماق كىيىشنى ياقتۇرىدۇ،ئۇلارنىڭ تۇماقلىرى گۈمبەز شەكىلدە بولۇپ، نىسبەتەن ئېغىر بولىدۇ.ئۇيغۇر ئاياللىرىنىڭ دوپپىلىرىمۇ شۇنداق گۈمبەز شەكىلدە بولۇپ،ئادەتتە تاۋار ۋە كىمخاپ دەپ ئاتىلىدىغان بىر خىل پاختا ئارىلاش يىپەك رەختتە تىكىلىدۇ.كېيىنچە ئۇلار سەمەرقەنت دوپپىلىرىنىمۇ ياقتۇرۇپ كىيىدىغان بولۇشۇپ، دوپپىلىرىنى ئالتۇن ئىلغۇچ بىلەن چاچقا قىسىشىۋالاتتى.

       ئۇيغۇر ئاياللىرىنىڭ زىبۇ-زىننەتكە ئامراقلىقى ۋە ئەھمىيەت بېرىدىغانلىقىمۇ مىسسيونىرلارنىڭ خاتىرىسىدە خاتىرلەنگەن بولۇپ ،ئەگەرئۇيغۇر ئاياللىرى بىرەرسە يېڭى بىر خىل زىبۇ زىننەت تاقىسا قالغانلىرىمۇ دەرھال شۇنداق زىبۇ زىننەتنى ئىزلەپ تاپمىغۇچە كۆڭلى

    分享到:

    评论

  • تار كوچىلاردىن سىزگە سالام

  • تىۋىش خانىمنىڭ قىزغىنلىقى مىللەتپەرۋەرلىكىگە ئاپرىن .مەن بىلوگىڭىزنىڭ يېڭى ئۇسلۇبىنى تەييارلاۋاتىمەن پات يېقىندا پۈتىدۇ ... نادىر تىمىلىرىڭىز ئۈزۈلۈپ قالمىغاي ،ئامان بۇلۇڭ
  • بىلوگىڭىزدا ياخشى ماتېرىياللار بار ئىكەن. ئۇلىنىشقا قوشىۋالدىم.
    توختاپ قالماسلىقىڭىزنى ئۈمىد قىلىمەن.
    回复anatil说:
    رەھمەت ئىلھامىڭىزغا.ھازىر تېخى مۇكەممەل ئەمەس، ياردىمىڭزگە مۇھتاجمەن.
    2009-04-25 04:22:43