• شىۋېتسىيىدىكى تارىخىي ماتېرىياللاردا ئۇيغۇر كىيىم -كېچەكلىرى توغرىسىدا(2 )

    2009-04-22

    تۈرى:

    版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
    http://www.blogbus.com/tiwish-logs/38285932.html

    ئارام تاپمايدۇ، بۇ خىل ھېرىسمەنلىك شۇ دەرىجىدە كۈچلۈك ئىكەنكى بەزىدە ئائىلىدە زىددىيەت پەيدا قىلىپ، ئاجرىششقا ئېلىپ بارىدۇ دەپ تەسۋىرلىگەن.3

                  ئۇيغۇر ئاياللىرى قۇلاقلىرىغا ئالتۇن ھالقا، باشلىرىغائالتۇن تاج ،بىلەكلىرىگە ئالتۇن ۋە كۈمۈش بىلەيزۈك  ھەمدە بارماقلىرىغا قىزىل ۋە يېشىل ياقۇتتىن، زۇمرەت تاشلاردىن ئۈزۈك تاقاشنى ياخشى كۆرىدۇ.

       لوپنۇر تەۋەسىدىن تېپىلغان قەۋرە توغرىلىق ماتىرىياللاردىمۇ ئەر جەسەتنىڭ بىلىكىدە يۇڭ يىپقا ئۆتكۈزۈلگەن تاش مونچاق بىلەيزۈك، ئايال جەسەتنىڭ بىلىكىدە بولسا، رەڭلىك يىپقا ئۆتكۈزۈلگەن ئۇششاق پەيلەر ۋە تاشلاردىن ياسلغان بىلەيزۈك تېپىلغان.4

       بۇنىڭدىن ئەينى زامانلاردىلا خەلقىمىزنىڭ ئېستېتىك قارىشىغا ئگە بولۇپ، ئۆز گۈزەللىكلىرىنى نامايەن قىلىشنى ۋە جەلپكار بولۇشنى كۆزلىگەنلىكىنى كۆرىۋالالايمىز.  

       ئۇيغۇر ئاياللىرى ئىچىدە يەنە چاچ ئۆرۈش ئۆرپ ئادىتى بولۇپ، كىچىك قىزلار ئۈچ تال ياكى بەش تال ئۆرۈمە ئۆرۈيدۇ. بەزىدە ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ چاچلىرىنى ۋە قوتازنىڭ قۇيرۇقىدىن ئۆرۈمە ياساپ چاچلىرىغا چاچلىق قىلىپ سېلىۋالىدۇ.ئۇلار بەش تال ئۆرۈمە چاچنى ئۆزارا چېتىش ئۈچۈن قەھرىۋا ۋە كۈمۈشلەردىن چېتىق ياساپ چاچلىرىغا تاقىۋالىدۇ.بۇ بەش تال چاچنىڭ توملۇقى چوقۇم بىلەكتەك بولۇشى كېرەك ئىدى، شۇ چاغدىلا ئۇلارنىڭ گۈزەللىكى نامايەن بولىدۇ دەپ قارىلاتتى. نەتىجىدە ئۇلار ناھايىتى ئېغىر بولۇپ كەتكەن چاچلىرىنى كۆتۈرۈشەلمەي سەل كەينىگە داجىپمۇ مېڭىشاتتى.

       ۋىۋى سىلۋان(Vivi Sylwan) يەنە شۇ قۇم دەريا ۋادىسىدىن تېپىلغان 36-نومۇرلۇق قەۋرىدىكى ئايال جەسەتنىڭ باش كىيىملىرى توغرىلىق مۇنۇلارنى بايان قىلىدۇ:بۇ جەسەت بېشىغا ئىچ باشلىق ۋە تاش باشلىقتىن ئىبارەت ئىككى باش كىيىم كىيگەن،ئىچ باشلىق ساغۇچقا مايىل يۇڭدىن توقۇلغان بولۇپ، يۇمىلاق شەكىلدە باشقا چاپلىشىپ تۇرىدىغان ھەم قۇلاقنى يېپىپ تۇرىدىغان بولۇپ، ئىگىزلىكى تەخمىنەن  cm27كېلىدۇ.

       تاش باشلىقمۇ ناھايىتى ئىسىل كىگىز دوپپا بولۇپ، توقۇلىشى دېگەندەك سىلىق بولمىسىمۇ لېكىن چىڭ ۋە مەزمۇت ئىدى.ئۈستىدە قىزىل رەڭلىك چۇچىسى، بۇلغۇن تېرىسى ۋە ئۇزۇن پەيلەر قاتارلىق زىننەتلىرى بارىدى.

      ۋېنگىرىيىلىك ئارخېلوگ ئاۋرېل ستېيىن( Aurel Stein(1862-1943ۋە سۋېن ھېدىنلارنىڭ تەتقىقاتىتىغا قارىغاندىمۇ خوتەن ۋە چاقىلىق رايونلىرىدا مۇشۇ خىل كىگىز توقۇش تېخنىكىسى مەۋجۈت ئىكەن.

       مېنىڭچە ئۇيغۇر دوپپىلىرىنىڭ گۈمبەز شەكلىنى ئېلىشى كېيىنكى ۋاقىتتا قاراخانىلار دەۋرىگە كەلگەندە ئىسلامنىڭ قوبۇل قىلىنىشىغائەگىشىپ مىمارچىلىق، رەسساملىق ، نەققاشلىق سەنئەتلىرىگە گۈمبەز ئەقىدىسى سىڭىپ كىرىشى بىلەن تەڭ، كىشىلەرنىڭ تۇرمۇشىغا ۋە ئېستېتىك قارىشىغا بىۋاستە تەسىر كۆرسۈتۈپ تەدرىجى گۈمبەز شەكلىنى ئالغان بولۇشى مۇمكىن.مەن بۇ قىياسىمنى تۆۋەندىكى يەنە بىر تارىخي پاكىت ئارقىلىق كۈچەيتمەكچىمەن.

      يۇقىرىدا بايان قىلىنغان تارىخىي پاكىتلاردىن يەنە 500يىل قەدىمىي بولغان يەنى مىلادىدىنىڭ 1-ئەسىرلىرىدە مەۋجۈت بولغان تۇرپان سۇ بېشىدىن تېپىلغان قەۋرىگە قارىغاندا، ئايال جەسەت ناھايىتى كەڭ بولغان قىزىل ، سېرىق، قوڭۇر رەڭلىك ، توغرىسىغا يوللۇق يۇڭ كىيىم كىيگەن بولۇپ، بېشىغا قارا رەڭلىك، ئۇچلۇق خۇددى قىزىل مۇچقا ئوخشاش شەكىللىك باشلىق كىيگەن.بۇ خۇددى خىرىستىيانلارنىڭ ئەرۋاھلار بايرىمىدىكى رىۋايىتىدىكى  سۈپۈرگىگە مىنىپ كېلىدىغان سېھىرلىك جادۇگەرنىڭ بېشىدىكى دوپپىسىغا ئوخشايتتى.ئېنگىلىس تىلىدىكى سېھىر دىگەن مەنىدىكىmagicدىگەن سۆز پارىسچىدىكى پوپ دىگەن مەنىنى بىلدۈرىدىغان magusدىگەن سۆزدىن كېلىپ چىققان .سېھرىگەرلەردىگەندە بىز ئادەتتە ئاسترونومىىيە، ئاسترولوگىيە يەنى يۇلتۇزلار تەتقىقاتى، تىببىي بىلىملەرگە ئىگە ، روھىي دۇنيا بىلەن ئالاقە قىلالايدىغان، ۋە شامال قاتارلىق تەبىئەت ھادىسىلىرىنى كونترول قىلالايدىغان ، بېشىغا ئىگىز دوپپا كىيىۋالىدىغان كىشىلەرنى كۆز ئالدىمىزغا كەلتۈرىمىز.5

       ئۇنداقتا تۇرپاندى تېپىلغان جەسەتلەر بىلەن پارىسلارنىڭ ئۆزارا بىر ،مۇناسىۋىتى بارمۇ قانداق؟دىگەن سۇئال تۇغۇلىدۇ.

      ئوتتۇرا ئاسىيا ۋە ھازىرقى شىنجاڭ قەدىمدىن تارتىپ ھەر خىل مىللەتلەر ئولتۇراقلاشقان زېمىن ئىدى.تۈركىي تىل سېستىمىسىدىكى مىللەتلەردىن سىرت يەنە باشقا مىللەتلەرمۇ بۇ زېمىندا ئۇزاق مۇددەت ياشاپ ، زېمىنىمىزنىڭ ئىقتىسادىي، مەدەنىي ھاياتىدا مۇھىم رول ئوينىغان.

      تارىم ئويمانلىق بويلىرىدىن تېپىلغان مەڭگۈ تاش يادىكارلىقلىردىن قەدىمكى ئىران مىللىتىنىڭ بىر تارمىقى بولغان سوغدىلاريېزىقىدا يېزىلغان بۇددا، مانىي، نېستورىيان يادىكارلىقلىرى تېپىلغان. بۇلاردىن قارىغاندا ئەينى ۋاقىتتا بوستانلىقنىڭ جەنۇبى تەرىپدە پۈتۈنلەي سوغدى مىللىتىنىڭ تەسىرى كۈچلۈك بولۇپ، ئاقسۇ، كۇچا، تۇرپان قاتارلىق بوستانلىقنىڭ شىمالىدىكى رايونلاردا بولسا مىلادىدىن بۇرۇن 2-ئەسىردە تۈزلەڭلىككە يېتىپ كەلگەن توخارلارنىڭ تەسىرى كۈچلۈك ئىدى.ئاستا- ئاستا بۇ خىل مىللەتلەر تۈركلىشىپ ، ئۇيغۇرلىشىپ كەتكەن، شۇنىڭ بىلەن ئۇلارنىڭ مەدەنىيىتىمۇ ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنىڭ بىر تەركىبىي قىسمىي بولۇپ قالغان.

       شۇنداق، تارىخىي شارائىت ۋە جۇغراپىيىلىك مۇھىتتىن باشقا ، مىللىي تەركىپنىڭ مۇرەككەپلىكىمۇ ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنىڭ كۆپ مەنبەلەك بولۇشىنى بەلگىلىگەن.

       تىلشۇنا س پروفېسسورMair   Victor H. نىڭ تەتقىقاتىغا ئاساسلانغاندا گەنسۇ بىلەن ئوتتۇرا ئاسىيانىڭ چېگرىسىدىكى دۇنخۇاڭ دىگەن سۆزمۇ پارىس تىلىدىن كېلىپ چىققانكەن.'خەنزۇ تىلىدىكى ''دۇن ''خېتى ''ئوت''تەركىبىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن. بۇ پارىسلارنىڭ ئوتنى خەۋەر يەتكۈزۈش ئۈچۈن قوللىنىشىدەك ئادىتىدىن كېلىپ چىققانلىقىنى دەلىللىگەن.

       يۇقىرىقى پاكىتلارغا ئاساسەن تۇرپاندىن تېپىلغان جەسەتنىڭ بېشىدىكى كونۇس شەكىللىك دوپپىنىڭ سوغدى دىنىنىڭ تەسىرىدىن كېلىپ چىققانلىقىغا ھۆكۈم قىلىشقا بولىدۇ.  

     

    ئاياق كىيىملىرى

       ئۇيغۇر ئاياق كىيىملىرى ئىچىدە ئۆتۈك، كالاچ، مەسە،ساپما كەش قاتارلىقلار بولۇپ، ئۇلار قوي، ئۆچكە، ياكى كالا تېرىلىرىدە تىكىلىدۇ.                                                                                                                                                                  

       ئەرلەرنىڭ ئاياق كىيىملىرى ئەرەنچە دەپ ئاتىلىدۇ، ئاياللارنىڭ ئاياق كىيىملىرى زىپانە دەپ ئاتىلىدۇ، بۇ بەلكى ئايالللارنىڭ نازاكىتىنى ئىپادىلەيدىغان تەسۋىرىي سۆز''زىبا''دىگەندىن كېلىپ چىققان بولۇشى مۈمكىن.بالىلارنىڭ ئاياق كىيىملىرى بولسا باچكىنە دەپ ئاتىلىدۇ.

       ''موزدوزلۇق رىسالىسى''دە بايان قىلىنىشىچە، موزدوزلار ئۆزلىىرى ئىشلىتىدىغان خۇرۇملارنى تۆۋەندىكىدە ئاتاپ كەلگەن:قىرىم(ئۆچكە تېرىسى)،بۇزە(ئاشلانغان ۆچكە تېرىسى)،كۆن(خۇرۇمنىڭ ئئومۇمىي ئاتىلىشى)،سايرا(قاسراق تېرە)،بىشو(بىر خىل ئاياقنىڭ ئىچىگە ئېلىنىدىغان خۇرۇم)،چىغىرىن(ئىنەك تېرىسى)،ئۇفۇكى(بىر خىل ئالاھىدە خۇرۇم)،بۇليارى(قىزىل قوڭۇر رەڭلىك خۇرۇم)

       بۇ رىسالىدە يەنە بىر ئاياقنىڭ پۈتۈپ چىقىش جەريانى مۇنداق بايان قىلىنغان:

      موزدۇز مەسە تىككەن چاقىتتا رەختنى ئەندىزنىڭ تۆپىسىدە قويۇپ تىكىدۇ،يىڭنىنى ساقدوز دەپ ئاتىلىدىغان بىگىزچىنىڭ ياردىمىدە سانچىپ تۇرۇپ، يىپنى تارتىدۇ.ئاندىن گۈلچىڭ دەپ ئاتىلىدىغان رەڭلىك خۇرۇمنى تىكىدۇ، ئاندىن بىشو دەپ ئاتىلىدىغان ر ەخت بىلەن ئىچى تەرىپىگە ئەستەر قىلىپ، بەلچىدە ئەستەرنىڭ ئىگىز پەس يەرلىرىنى تۈزلەيدۇ.ئاندىن قېلىپكە تارتىپ،چەم كېسىپ مىخلاپ، چەمدوز دەپ ئاتىلىدىغان دەرەش(بىگىز)بىلەن تىلىپ پاشنىسىغا يەتكەندە، پاشنىدوز دەپ ئەتىلىدىغان يەنە بىر خىل بىگىز بىلەن تىكىدۇ.رەختنى تىكىدىغان ۋاقىتتا دەزگىر دەپ ئاتىلىدىغان تاسما بىلەن تارتىپ قويىدۇ،ئاندىن ئاياقنىڭ قونچىغا ساڭ (بىر خىل ياغاچ)چېچىپ، مۇادېردون دەيدىغان ياغاچ ئەسۋاپ بىلەن سىلىقلاپ ،ئۇنى يەنە پالپۇشتەك بىلەن پەدازلاپ تەييار قىلىدۇ.

       ئاياق كىيىملەر توغرىسىدا تارىخىي ماتىرىياللاردىمۇ ئەجداتلىرىمىزنىڭ ئەقىل پاراسەتلىك ئىكەنلىكى نامايەن قىلىنغان بولۇپ، يەنە شۇ قۇم دەريا ۋادىسىدىن تېپىلغان قەۋرىلەر توغرىسىدىكى تەتقىقاتلارغا مۇراجەت قىلىدىغان بولساق، قەۋرىدىكى ئەر ۋە ئاياللارنىڭ ئاياقلىرى كالا تېرىسىدىن چەم قويۇلۇپ ، مېتال يىڭنە ئىشلىتىپ ئۇستىلىق تىكىلگەنلىكى بايان قىلىنىدۇ.ئەرەنچە ئاياق كىيىمىنىڭ ئوڭ ۋە سول پايلىرى ئوخشاش قىلىپ تىكىلگەن ، ئايالچىسىنىڭ ئوڭ ۋە سول پايلىرى پەرقلىق ئىدى.ئاياقلارنىڭ ئىچىگە قوي تېرىسىدىن ئەستەر سېلىنغان.6

     

     

     

     

    رەختلەرنىڭ ئىشلەپچىقىرىلىشى ھەققىدە

     

       ئەجداتلىرىمىز تۈرلۈك نەپىس، جۇلالىق، سىپتا رەختلەرنى ئىشلەپچىقارغان بولۇپ،باپكارلىق،سەرگەزچىلىك ۋە بوياقچىلىق تېخنىكىسى يۈكسەك راۋاجلانغان.ئايرىم ئايرىم ھالدا ''باپكارچى،سەرگەزچى ۋە بوياقچىىنىڭ بايانى''غا قارايدىغان بولساق، بىر قىسىم ھازىر ئۆزىمىز يوقۇتۇپ قويغان شۇنداقلا باشقا مىللەتلەرنىڭ ئۆلگە ئېلىشىغا ئىلھام بولۇپ كەلگەن بىر قىسىم تېخنىكىلارنى بايقايمىز.

       رەخت توقۇش ماشىنىسى تەگۋا دەپ ئاتىلىدۇ.قومۇشتىلى يىپلارنى قاتار تىزىپ، ھەر قومۇشنىڭ يىپىنىڭ ئۇچىنى بىر تالدىن ئېلىپ كانارە دىگەن ئۇششاق قوزۇقلارنى قاتار سانچىپ يىپلارنىڭ  ئۇچىنى تاجلاپ(ئوڭشاپ)،قوزۇقلارغا ئىلىپ بولغاندا يوغان بىر كاللەك يىپ قىلىپ ئۇنى پاتلاپ تارتىدۇ ۋە ئۇن بىلەن پاتلايدۇ.مۈڭگۈزدىن ياسالۈان بۇ نەرسە موكا دەپ ئاتىلىدۇ. يىپنى قويىدىغان بىر نەيچە بار، بۇ دەفتىن دەپ ئاتىلىدۇ.يەنە بىر يىپ رەختنى باسىدىغان نەيچە پىكا دەپ ئاتىلدۇ.تەييار بولغان خامنى يۆگيدىغان ياغاچ تۈرگە دەپ ئاتىلىدۇ.يىپنى كېرىپ بېرىدىغان يەنە بىر خىل ئەسۋاپ تىي دەپ ئاتىلىدۇ، دەفتىنى كۆتىرىپ تۇرىدىغان جايى گۆلە دەپ ئاتىلىدۇ.يىپنىڭ قېتىنى ئاجرىتىپ بېرىدىغان ئۈچ پارچە ياغاچ ئويناغۇچ دەپ ئاتىلىدۇ.

       ئاندىن رەختلەر سەرگزچىگە ئاپىرىپ بېرىلىدۇ.ئۇلارنىڭ ئىشلىتىدىغان ئەسۋابى كۇپ ۋە جامدۇر.خامنى يەنە رەختنى زەمچىگە چىلاپ ئالغاندىن كېىين كالتەكتە خامنى يۆگەپ چىقىپ خامنىڭ سۈيىنى چىقىرىش ئۈچۈن لازىم قىلىدۇ.ئۇلار تامغا بېسىپ ئاق بىلەن قىزىل رەڭنى، كۆك بىلەن ئاق تاكى يېشىل بىلەن ئاق رەڭلەرنى ھاسىل قىلىدۇ.ئۇلاربۇ خىل تېخنىكا بىلەن شاھتاۋا، چەكمەن لەرنى بېسىپ چىقىرىدۇ.ئۇلار سەرگەزچىلىككە زەمچە،بۇزغۇن(پىستە ياغىچى)، ئۇرېدان(روبىيە بويىقى) ، بەقەم(برازىلىيە ياغىچى)،ساپ كىسلاتا ۋە سۇرمە قاتارلىق خمىيىۋىي، مېنىرال ۋە تەبىئىي ئەشيالارنى قوللانغان.

       ئاخىرىدا بوياقچىلار ئىشلىتىدىغان ئەسۋاپلار سەرگەزچىلەر ئىشلىتىدىغان ئەسۋاپلارغا ئاساسەن ئوخشايدىغان بولۇپ كۇپ، جام، لېكچاپ ۋە شىكەچاپ قاتارلىقلار بار.لېكىن بوياقىچلار بىر خىل ئالاھىدە تۇم سۆسۈن رەڭنى ئىشلىتىدۇ، سەرگەزچىلەر بولسا يېشىل، قىزىل، زەمبەقىي(گۈل سامساق رەڭىگى)، كۆك ، سېرىق، قارا، شاپتۇل رەڭ ، قوڭۇر رەپ قاتارلىق كۆ پ خىل رەڭلەرنى ئىشلىتىدۇ.

       ۋىۋى سىلۋان كىروران خارابىلرىدىكى توقۇلما بۇيۇملار توغرىسىدا يازغان كىتابىدا يەنە كىروران توقۇمىچىلىق ئۇسۇلىنىڭ ناھايىتى ئۆزگىچە بولۇپ،بۇ خىل تېخنىكا ئەينى ۋاقىتتا جۇڭگو ئىچكى ئۆلكىلىرىدىمۇ تېخى تاڭ دەۋرىدىن بۇرۇن بۇ خىل تېخنىكىنىڭ قوللىنىلمىغانلىقى، بىر دىن بىر مۈمكىنچىلىك ئوتتۇرا دېڭىزنىڭ شەرقىدىكى دۆلەتلەردە شۇ زاماندا قوللانغان تېخنىكىلار بىلەن ئورتاقلىق بارلىقىنى ، شۇڭا بۇ خىل تېخنىكىنىڭ مەلۇم خىل ۋاستىلەر بىلەن ئوتتتۇرا ئاسىيانىڭ مەركىزىگە يېتپ كەلگەنلىكىنى قىياس قىلغان.بوياقچىلىق تېخنىكىسىدىمۇ تۇز، كىسلاتا ۋە ئۆسۈملۈكلەر ، تۇپراقتىن ئېلىنغان بەزى ماددىلارنى قوللانغانلىقىنى ئىسپاتلىغان.7

       دېمەك ئالاھىدە تارىخىي شارائىت، جۇغراپىيىلىك مۇھىت ۋە مىللىي تەركىپ قاتارلىق شەرتلەر ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنىڭ كۆپ مەنبەلەك بولۇشىنى بەلگىلىگەن.بۇ خىل كۆپ مەنبەلەك خاراكتېر دىنىي ئېتىقاد ، ئەخلاقىي چۈشەنچە ، تىل يېزىق، ئەدەبىيات سەنئەت، ئۆرپ ئادەت، تۇرمۇش ئۇسۇلى قاتارلىق جەھەتلەردە روشەن ئىپادىلەنگەن.جۈملىدىن كىيىم كېچەك مەدەنىيىتىمىزمۇ ئىچكى تاشقى جەھەتتە كەڭ قوبۇل قىلىش، ئۆزلۈكسىز يېڭىلىق يارىتىشتىن ئىبارەت خۇسۇسىيەتكە ئىگە بولۇپ كەلمەكتە.

       ئاخىرىدا، مەن شىۋېتسىيىدە ساقلانغان يۇرتىمىز توغرىلىق تارىخىي ، مەدەنىي مىراسلارنىڭ ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنى، تارىخىنى  تەتقىق قىلغۇچى ، ئىزدەنگۈچى ۋە قىزىققۇچىلارغا بۇ خىل ماتېرىياللارنى ئۇلارغا يەتكۈزۈش پۇرسىتىگە ئىگە بولغىنىمدىن ئۆزۈمنى چەكسىز بەختلىك ھىس قىلىدىغانلىقىمنى بىلدۈرىمەن.

     

     

    سىتاتا مەنبەلىرى:

    1.’’Garments From Top To Toe  ’’Gunnar Jarring ,1992

    2.2 5’’The Mummies of Urumchi’’Elizabeth Wayland Barber,1999

    3.1   3 ’’På Obanade Stigar’’ , 1917

    4.4’’Archeological Researches in Sinkiang’’, Folke Bergman, 1939

    5.7’’Woolen Textile of the Loulan People’’, Vivi Sylwan, 1941

    6.’’Der Archäelogischen Untersuchungen in Ost Turkistan’’,Carl Herman Hjortsjö, Anders Walander 1942

    7.’’Svenska Mission Förbundets Årsbok’’

        

                                                           2009-يىل فېۋرال،ستوكھولم 

      

    分享到:

    评论

  • ھەقىقى ئەھمىيەتلىك ماتىرىيالكەن... ئۆزىمىزنى چۈشىنىشكە زور پايدىلىق ...
  • ھەقىقى ئەھمىيەتلىك ماقالىكەن...