• روھىيىتىڭىزدىكى 8 ھەقىقەت

    2009-04-25


    版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
    http://www.blogbus.com/tiwish-logs/38457359.html

     

       1.دوستلار ئۆزلۈكسىز تۈردە كېلىپ –كېتىپ تۇرىدۇ.كۈرمىڭلىغان كىشىلەر سىز بىلەن مۇناسىۋەت ئورنىتىشنى ۋە ئۇچرىشىشنى كۈتۈپ تۇرىدۇ.دوستلۇرۇم ئاز دەپ ئاغرىنماڭ، ھىچ بولمىسا ھەرپلەرنى تىزىپ ئىسىم ياسىسىڭىزمۇ سىزنىڭ يەنە مىليارت دوست تۇتۇش مۈمكىنچىلىكىڭىز بار.

       2.سىز دائىملا دىگىنىڭىزگە ئېرىشەلمەيسىز.سىز ئەتراپىڭىزدىكى ماددى نەرسىلەرگىلا سەپ سالماڭ، قوبۇل قىلىشنى ئۈگىنىۋېلىڭ، ھاياتنىڭ قىسقىلىقىنى ئويلاڭ-دە، بۇ خىل ئامىتىڭىز كەلمىگەن كۈنلەرنىڭمۇ تەڭ نىسبەتتە قىسقا بولڭدىغانلىقىنى تەسەۋۋۇر قىلىڭ.

       3.نۇرغۇن كىشىلەر سىزنى ياخشى كۆرىدۇ، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا نۇرغۇن كىشىلەر سىزنى ياقتۇرمايدۇ.ئۇلارنىڭ ۋاقتىنى ئىسراپ قىلىپ سىزنىڭ يامان تەرىپىڭىزنى قىلىشى پەقەت ئۇلارنىڭ ئۆز ئىشى، سىز ئۇلارنىڭ دىققىتىنى ئۆزىڭىزگە قارىتىمەن دەپ ئويلىسىڭىز ، ئۇ پەقەتلا ئۆزىڭىزنى ئالدىغانلىق بولۇپ قالىدۇ.

       4. تۇرمۇشىڭىزنى پەقەت ئۆزىڭىزلا ئۆزگەرتەلەيسىز.ئۆزىڭىز ئۈچۈن ئىش قىلىشنى ئۆگىنىۋېلىڭ، چۈنكى سىزگە ياردەم قىلغان كىشىلەر مەڭگۈلۈككە ياردەم قىلمايدۇ، شۇڭا سىزمۇ ئۇ خىل ھاسا تاياقلارسىز ياشاشنى بىلىشىڭىز كېرەك.

      5.سىز مەغلۇپمۇ بولۇپ تۇرىسىز.سىز باشقىلاردىن كۆپ نەرسىلەرنى ئۆگىنىۋالىسىز، لېكىن مەغلۇبىيەت سىزگە كۆپ نەرسىلەرنى ئۆگىتىدۇ.ئۇلارنى غەلىبە .ئۈچۈن ئۇل قىلىشنى بىلىش كېرەك.

      6.ئۆزىڭىز كونترول قىلىشقا كۈچىڭىز يەتمىگەن ئىشلارغا زورۇقماڭ.سىز ئۆتمۈشنى ئۆزگەرتەلمەيسىز ، لېكىن سىز شەيئىلەرگە بولغان ئىنكاسىڭىزنى ئۆزگەرتەلەيسىز.             

       7. بۈگۈننى كۆپرەك ئويلاپ ، ئەتىنى ئازراق ئويلاڭ.سىز قىلغان ئىشلارنى سىز ئۆزىڭىز پەرۋا قىلىدىغان كىشىلەر بىلسىلا بولدى، قالغان ئۇششاق ئىشلارغا ئۇنچە ئۆزىڭىزنى ئۇرۇپ كەتمەڭ، پەقەت ئۆزىڭىز ياخشى كۆرىدىغانلا ئىشلار ئۈچۈن ۋاقتىڭىزنى كۆپرەك سەرپ قىلىڭ.

       8.باشقىلاردائىم سىزدىن كۆپرەككە ئېرىشىدۇ.باشقىلارنىڭ سىزدىن كۆپرەككە ئېرىشكىنىگە قاراپلا ، ئۇلارنى ھەممىدىن رازىمىكىن دەپ ئويلىماڭ، مەلۇم بىر داڭلىق شەخسنىڭ تەرجىمھالىنى كۆرسىڭىزلا ئۇلارنىڭ ئېرىشكىنىدىن بەكرەك، تارتقىنى كۆپ ئىكەنلىكىنى ھىس قىلىسىز.سىز دىققىتىڭىزنى ياخشى كۆرۈشكە تىرىشىپ ئېرىشمەكچى بولغان نەرسىلەرگە ئەمەس بەلكى ئۆزىڭىز ياقتۇرىدىغان نەرسىلەرگىلا مەركەزلەشتۈرۈڭ.

     

     

     

     

    分享到:

    评论

  • يېڭى قۇرۇلغان بلوگىڭىزغا مۇبارەك بولسۇن. نادىر تېمىلىرىڭىز ئۈزۈلمىسۇن، قېرىندىشىم. سىزنى ئاناتىلىم تورتۇراسىنىڭ دوستانە ئۇلىنىشلار قاتارىغا قوشۇپ قويدۇم.