• تار كوچىدىن تۇغۇلغان ئويلار

    2009-05-03


    版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
    http://www.blogbus.com/tiwish-logs/38853011.html

     

         بۈگۈن ئادىتىم بويىچە ستوكھولمنىڭ كونا شەھەر رايونىغا بېرىپ ئايلىنىپ كەلدىم.تەقدىر مېنى بازار- رەستىلىرى ئاۋات،كوچىلىرى قايناق ،مېھرى ئىسسىق يۇرتۇمنىڭ قوينىدىن يۇلۇپ كېلىپ، بۇ شاۋقۇن -سۈرەنسىز،تىمتاس ،خۇددى كۈتۈپخانىنى ئەسلىتىدىغان شەھەرگە تاشلىغاندىن بېرى،دەم ئېلىش كۈنلىرى شەھەرنىڭ كونا شەھەر رايونىغا بېرىپ ئايلىنىش ئادىتىنى يېتىلدۈرگەنىدىم.چۈنكى بۇ دۆلەتنىڭ 9 مىليون ئاھالىسى بولۇپ، ئاساسلىق ئاھالىسى بولغان شىۋېتلار بايرام –دەم ئېلىش كۈنلىرىدە ئاساسەن شەھەر سىرتىغا چىقىپ كېتىدۇ.ئۇلار تەبىئەتتىن ھوزۇرلىنىشنى ئەلا بىلىدىغان بولۇپ، كۆپىنچىسىنىڭ  شەھەر سىرتىدا ياكى كىچىك ئاراللاردا يازلىق داچىلىرى بولىدۇ.شۇڭا بايرام –دەم ئېلىش كۈنلىرىدە شەھەر تېخىمۇ تىمتاسلىشىپ كېتىدۇ،پەقەت مۇشۇ كونا شەھەر رايونىدىلا ساياھەتچىلەرنىڭ ئايىقى ئۈزۈلمەيدىغان بولۇپ،دۇنيانىڭ ھەر بۇرجىكىدىن كەلگەن تۈرلۈك سىياقلارنى ئۇچراتقىلى بولىدۇ.

       چوڭ شەھەرلەر ئادەتتە شەھەر ئىچى ۋە شەھەر سىرتى دەپ ئايرىلىدىغان بولۇپ،مەسىلەن بېيجىڭ شەھىرى 1-2-3-ئايلانما دەپ بۆلىنىدۇ؛پارىج شەھرى كىچىك پارىج ۋە چوڭ پارىج دەپ بۆلىنىدۇ؛ستوكھولممۇ ئىچكى ستوكھولم ۋە تاشقى ستوكھولم دەپ ئىككىگە بۆلۈنىدۇ.كونا شەھەر رايونى ئىچكى ستوكھولمغا تەۋە بولۇپ،بىنا  بولغىنىغا 800 يىلدەك بولغانىدى. ئولتۇراق ئۆيلەرنى ئېلىپ سېلىشتۇرساقمۇ بۇ رايوندىكى ئۆيلەر بىلەن تاشقى ستوكھولمدىكى ئۆيلەرنىڭ باھاسىدا 1 مىليون دوللارغىچە پەرق قىلىدۇ.

       ئادەتتە ئىچكى ستوكھولم رايونىدا كۆچمەنلەر ئاساسەن يوق دىگىدەك بولۇپ،مېنڭچە بۇنىڭ سەۋەبى بۇ رايوندىكى ئۆيلەر كۆپىنچىسى شىۋىتلارنىڭ مىراس ئۆيلىرى بولغاچقا كېيىنكى ئەۋلاتلىرىغا قالدۇرۇپ ماڭغانىدى.باشقىچە سۆز بىلەن ئېيتقاندا بۇ رايون پەقەتلا سېرىق چاچ ۋە كۆك كۆزلۈكلەرنىڭ رايونى ئىدى.مەلۇم مەنىدىن ئېيتقاندا ئولتۇراق ئۆي پەرقى كىشىلەرنىڭ ئورۇن،مەرتىۋىسىنىڭمۇ بەلگىسى بولۇپ قالغانىدى.شىۋىتلار ھەتتا ئۆزلىرىنىڭ مۇشۇ رايوندىكى بىرەر قاۋاقخانىدا ياكى رېستۇراندا بولغانلىقلىرىنى پەخىرلىنىپ تۇرۇشۇپ ئاغزىغا لىققىدە ئېلىشىدۇ.لېكىن بۇنداق يەرلەرگە كېلىپ قالغاندا مۇساپىرلار ئۆزىنى خۇددى بىر توپ كالا توپىنىڭ ئىچىگە كىرىپ قالغان قوزىدەك ھېس قىلىدۇ.ئادەم ئۆزى مەنسۇپ بولمىغان تۇپراقتا ياشىغاندا دائىم ئۆز –ئۆزىدىن مەن كىم؟مەن بۇ يەردە نېمە قىلىۋاتىمەن ؟دىگەندەك سوئاللارنى قويىدۇ.مەنمۇ ئەتراپىمدىكى كىشىلەرگە ۋە ئارالنىڭ ئىچىدىكى ياقۇتتەك بۇ گۈزەل شەھەرگە قاراپ بەزىدە ئىچىم تارلىق قىلسا بەزىدە'' مېنىڭ سىلەردىن تارىخى ئۇزۇن ،مەدەنىيىتى ئىلغار شەھىرىم بولغان ''دەپ ئۇلارنى مەنسىتكىم كەلمەيتتى.بايرام كۈنلىرى بۇلارنىڭ بايراق چىقىرىدىغان كۈنى بولۇپ، ھەر قېتىم ئۇلارنىڭ بايرىقىنى كۆرگىنىمدە ئۆزەمنىڭ بايرىقىنى ئەسلەپ ياش تۆككۈم كېلىدۇ.

       كونا شەھەر كوچىلىرىنى ئايلىنىۋېتىپ ، ستوكھولمنىڭ ئەڭ تار كوچىسىغا كىرىپ قالدىم.  بۇ كوچىنىڭ كەڭلىكى 90 سانتىمېتر كېلىدىغان بولۇپ، 36 پەلەمپەيدىن تەركىپ تاپقانىدى.ئەتراپىمدا ساياھەتچىلەر كوچىنى رەسىمگە ئېلىشىۋاتاتتى. كوچىغا قاراپ بىردىنلا بو كوچا زۇۋانغا كېلىپ ،ياسىن پۇخپۇل قەلىمى ،مىرزات ئالىم ئىجراسىدىكى "تار كوچا''دېگەن ناخشىنى ئېيتىۋاتقاندەك ئاڭلاندى.بۇ ناخشىنىڭ ئۇ قەدەر كۈچلۈك تارتىش كۈچىنى ۋەتەندە ھىس قىلمىغانىدىم.ۋەتەندىكى چېغىمدا تولىسى ئېنگىلىسچە ۋە باشقا مىللەتلەرنىڭ ناخشىلىرىنى ئاڭلايتتىم، بۇ يەرگە كەلگەندىن كېيىن ئۇيغۇر تىلىدىكى قىلچە سەنئەت قىمممىتى يوق، قوشاق شەكىلدىكى ئاددىي ناخشىلارمۇ مەن ئۈچۈن جەلپ قىلىش كۈچىگە ئىگە ناخشىلار بولۇپ قالدى.

    "سەندە خۇشخۇي مىڭ ئانىنىڭ ھىدى،

    شۇڭا مەن ئىشقىڭدا ياندىم تار كوچا.

    مەيلى پارىج،مەيلى ئىستانبۇلدا مەن،

    سېغىنىش قەلبىمدە گۈلخان تار كوچا''

       دۇنيادا بىرقانچە داڭلىق كوچىلار بولۇپ،ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ ئۆزگىچە ئالاھىدىلىكلىرى بىلەن داڭ چىقارغان.مەسىلەن،دۇنيا سودا مەركىزى نىيو-يوركتىكى برودۋاي تىياتىر كوچىسى ئۆزىنىڭ ئۇزۇنلىقى بىلەن ،''مۇھەببەتنىڭ مەككىسى''دەپ ئاتالغان. پارىجدىكى شاڭ لىساس كوچىسى داڭدار ماگىزىنلىرى بىلەن، بارسېلونادىكى لا رامبلا كوچىسى يانچۇقچىلارنىڭ كۆپلىكى بىلەن داڭ چىقارغان.

     ''تار كوچا"مېنى 19-ئەسىرنىڭ ئۈستى ئوچۇق مۇزىيى --قەشقەردىكى تار،ئەگرى-بۈگرى ئۈچەيدەك، ئۈستى گاھ ئوچۇق،گاھ يېپىق  كوچىلارغا باشلاپ كىردى. بۇ كوچىلار گەرچە دۇنيادىكى قامۇسلاردىن ھازىرچە ئورۇن ئالمىغان بولسىمۇ، لېكىن دۇنيا بويىچە ئەڭ مېھرى ئىسسىق كوچىلار بولسا كېرەك.گەرچە بىز تارىختا نۇرغۇنلىغان دىشۋارچىلىقلارغا يولۇققان  ۋە قارا قىسمەتلەرگە مۇپتىلا بولغان مىللەت بولساقمۇ بۇ كوچىلاردىن زامانىسىدىن بېرى ھۈنەرۋەن –كاسىپلارنىڭ جار سېلىشلىرى، مۇڭلۇق دۇتار،تەمبۇر سادالىرى، ئاشىقلارنىڭ يېقىملىق كۈيلىرى، ئانىلارنىڭ ئىللىق ئەللەي ناخشىلىرى ئۈزۈلۈپ قالمىغان.بۇ كوچىلار ئالەمگە مەشئۇل ئالىم –ئۆلىمالارنى قۇچىقىغا ئالغان،قوڭغىراق جاراڭلاتقان كارۋانلارنى باشقا ئەللەرگە ئۇزۇتۇپ مەدەنىيەت تارقاتقان، قانلىق جەڭلەردە ئاتلارنىڭ دۈپۈرلىگەن سادالىرىنى ئاڭلىغان ۋە غەلىبىلەرگە گۇۋاچى بولغان،ئارماندا كەتكەنلەرنى ئۇزۇتۇپ، يېڭىدىن  دۇنياغا كۆز ئاچقانلارنى پەپىلىگەن كوچىلار ئىدى.

       ستوكھولمدىكى تار كوچىلارنىڭ بۈگۈنكىدەك ساق ، مۇكەممەل ساقلىنىشى بۇ دۆلەتتە 200 يىلدىن بېرى ئۇرۇش بولۇپ باقمىغانلىقىدىن دەپ ئويلايمەن.مۇنداقچە ئېيتقاندا ، ئىككى ئەسىردىن بېرى بۇلارنىڭ بىر تال مويىمۇ تەۋرەپ قويمىغان كىشىلەر ئىدى.شىۋىتسىيە ئاخىرقى قېتىم 1-دۇنيا ئۇرۇشىغا قاتناشقان بولۇپ زېمىنىنىڭ ئۈچتىن بىرىنى ئىگىلىگەن فىنلاندىيىنى روسىيىگە تارتقۇزۇپ قويۇش بىلەن مەغلۇپ بولغانىدى. شۇندىن ئېتىۋارەن بۇلار زېھنىنى ئۆزىنىڭ سانائەت ۋە مەدەنىيىتىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشقا قارىتىپ ،تېنچ ۋە پاراۋانلىق ئىچىدە ئۆتۈپ كەلگەن.

       خىيال قەترەمدىكى بۇ ئىككى قىتئە، ئىككى خىل مەنبەدىكى تار كوچىنى ئويلاپ بۇ ئىككى خىل مىللەتنى ئۆزارا سېلىشتۇرغۇم كېلىپ قالدى.ئەڭ ئاۋۋال بىناكارلىقتىن باشلىساق شىۋېتسىيەدە تۇنجى چېركاۋ 1100-يىللىرى سېلىنغان بولۇپ، بۇ ئۇلارنىڭ بىناكارلىق تارىخلىرىدا پەخرلىك ھالدا تىلغا ئېلىنىدۇ.ئۇلاردا تېخى 1300-يىلغا كەلگەندە ئاندىن مۇكەممەل شەھەرلەردىن ئۈچى بەرپا قىلىنغان.بىزنىڭ تارىخىمىزنى ۋاراقلايدىغان بولساق، 3000 يىل بۇرۇنلا ھەربىي، ئىجتىمائىي، مەدەنىيەت جەھەتتىكى باشقۇرۇشلىرى مۇكەممەل بولغان يارغول قاتارلىق شەھەرلىرىمىزنى بارماق بىلەن سانىيالايمىز.1483-يىلى ياۋروپادا گېرمانىيىلىك گۇتېنبېرىينىڭ باسما تېخنىكىسىنىڭ كەشپ قىلىنىشىغا ئەگىشىپ ،باسما تېخنىكىسى ئاندىن شىۋېتسىيىگە تارقالغان.ئۇندىن بۇرۇن ،ئۇلار تاش ئويما سەنئىتىنى قوللانغان بولۇپ، ئۇ ۋاقتىدىكى ئەسەرلىرى پەقەتلا دىنىي ئابىدىلەردىن ئىبارەت بولۇپ كەلگەن.تارىخىي ماتېرىياللارغا ئاساسلانغاندا، ئۇيغۇرلاردىكى تۇنجى باسما ئەسەر مىلادى 868-يىلى بارلىققا كەلگەن بولۇپ، قەغەزنى يۆگەپ تۈپلەش ئۇسۇلىدا باسما كىتاپ قىلىپ ئىشلەنگەن.ئەمدى ئەدەبىيات مىراسلىرىنى سېلىشتۇرىدىغان بولساق ،ئوتتۇرا ئەسىردە ياۋروپادا ئاساسەن مۇھەببەت داستانلىرى، قەھرىمانلىق قامۇسلىرى،دىنىي شېئىرلار ۋۇجۇتقا كەلگەن بولۇپ، شىۋېتسىيىنىڭ 1300-يىلى ''ئۇلۇغ بىرگىتتا''ناملىق دىنىي داستانى تاش ئابىدە ئەدەبىياتىغا تەۋە ئەڭ داڭلىق ئەسەر بولۇپ ساقلانماقتا. بۇ دەۋردە بىزنىڭ ئەدەبىياتىمىزنىڭ ئەڭ گۈللەنگەن مەزگىللىرى بولۇپ،دۇنيا مەدەنىيەت خەزىنىسىدىكى ئىككى مۇقەددەس ئەسىرىمىز شۇ دەۋرنىڭ مەھسۇلى بولغان.''قۇتادغۇ بىلىگ''نى ئالىدىغان بولساق ، ئۇ مۇھەببەت ياكى قەھرىمانلىق داستانى ئەمەس،بەلكى بىر پۈتۈن ئىجتىمائىي ھايات،دۆلەت قۇرۇلمىسى قاتارلىقلار بىلەن لېرىكىلىق ۋاستىلەر،پەلسەپىلىك تەپەككۈر ئۆزارا بىرىككەن دىداكتىك داستاندۇر.

       لېكىن كېيىنكى مەزگىللەردە شىۋېتلار ھەر جەھەتتىن بىزنى كەينىدە قالدۇرۇپ قويدى.نوبېلغا ئوخشاش ئالىملىرى مەيدانغا كېلىپ ، نۇرغۇن ئالىملىرى مەزكۇر مۇكاپاتنىڭ ساھىبلىرى بولۇپ، تارىختا خاتىرلەندى.سانائەت ،ئېلېكترون تېخنىكىسى ئۇچقاندەك تەرەققىي قىلدى.ئەمدى مەن بۇلارنى ئۆزەمنىڭ يۇرتى بىلەن سېلىشتۇراي دىسەم سەل تىلىم قىسقىلىق قىلىپ قېلىۋاتىدۇ.مەن بۇ 100 يىل مابەينىدە پەخرلىنىپ تۇرۇپ ،دۇنيا جامائىتىنڭ دىققىتىنى قوزغىغان ،شۇنىڭدەك  ئاشۇ تار كوچىلىرىمىزنىڭ داڭقىنى يەنە بىر قېتىم جاھانغا ئاڭلىتىدىغان ئالەمشۇمۇل نەتىجىلەرنى بەكمۇ تەستە خىيالىمغا كەلتۈرىۋاتىمەن.

       يېقىنقى يىللاردىن بېرى ، دىققىتىمىزنى مىللىتىمىز ئىچىدىكى پارتلاپ چىققان ئەخلاقىي بۇزۇلۇشتىن ئىبارەت كرېزىسقا كۆپ قارىتىشقا مەجبۇر بولدۇق.تارىختىكى مېھرى ئىللىق تار كوچىلار خىجىللىق بىلەن تىلغا ئېلىنىدىغان بولدى.تار كوچا ئۇقۇمى بەكرەك سەلبىي مەنىگە ياتىدىغان بولۇپ قالدى.ئېغىزلاردا ۋە ئەسەرلىرىمىزدە تار كوچىلار بىلەن بىرگە ئۆزلىرىنى ئېسىلزادە پەدازلىشىپ ، ئەرزان ئەتىرلەرنى چېچىشىۋالغان بولسىمۇ چىرايىدىكى سۇلغۇنلۇق ،تېڭىرقاش، ئۈمىدسىزلىكنى يوشۇرالمىغان، ئۇ تار كوچىلارغا ئالدىراش كىرىپ چىقىپ كېتىۋاتقان ئۇيغۇر قىزلىرىمىز ۋە تەمتىرەش ، ھولۇقۇش ، ئىچىدە زەھەر ئېلىم -بېرىمى قىلىۋاتقان قىز-يىگىتلىرىمىز  كۆپرەك تىلغا ئېلىنىدىغان بولۇپ قالدى.

       شۇ ئويلار ئىچىدە مەن بۇ تار كوچىلىرىمنىڭ يەنە 100 يىلدىن كېيىن دۇنيا قامۇسىدا، كىشىلەر كۆزگە چېلىققۇدەك جايدىن ئورۇن ئالغان كۆرۈنۈشنى كۆز ئالدىمغا كەلتۈردۈم.ئەلۋەتتە بۇ شۇ تۇپراقتىكىلەرنىڭ ئىككى قولى بىلەن يەرنى تىرەپ ئورنىدىن تۇرىشىغا باغلىق تاتلىق خىياللار ئىدى.

     

    分享到: