• دەرۋىش ۋە قەلەندەرنىڭ بايانى

    2009-05-11


    版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
    http://www.blogbus.com/tiwish-logs/39214870.html

    دەرۋىشنىڭ بايانى

     

       دەرۋىش تايپىسى بىرنەچچە قىسىم بولەدۇر،ئۇلارنىڭ بىر قىسمى راست دەرۋىشتۇر.ئۇلار شەھەردە تۇرماي ، ياردە ئولتۇرەدۇر.ئۇلارنى ئابىد ۋەياكى زاھىد دەرلەر.ئۇلار بىر كىشىدىن بىر نەرسە تىلەمەيدۇر، قانائەتلىكدۇر.ھەر نەرسە خۇدادىن يەتسە شۇڭا قانائەت قىلىپ بىر كىشىدىن تىلەمەي، كىشىگە كۆرۈنمەي جاڭگاللاردا يۈرۈپ ئىبادەت قىلەدۇر،تاما قىلمايدۇر.

       ھېكايەت:بىر پادىشاھ تۆرت يۈز دىنارنى دەرۋىشلەرگە بەرگىلى نەزىر قىلىپ، ۋەزىر فايلاسۇف قولىغا بەردى.ۋەزىر كەچكىچە چۆرگىلەپ يېنىپ كېلىپ دىنارلەرنى پادىشاھ ئالدىغا قويدى.پادىشاھ ئېيتتى:''نىمىشقا دىنارلەرنى ئۇلارغا بەرمىدىڭ؟''ۋەزىر جاۋاپ بەردىكى :''ھىچبىر دەرۋىش تاپمادىم،پادىشاھ ئېيتتى :''بۇ شەھەردە تۆرت يۈز دەرۋىش بار،سەن نىمىشقا تاپمادىڭ ''ۋەزىر جاۋاپ بەردى:''سەن ئېيتتىڭ دەرۋىشكە بەرگىل دەپ ،ئۇ دىنارنى ئالماق ئىستىدى ، ئۇ دەرۋىش ئەمەسىدى.مەن بەرمەدىم.راست دەرۋىشكە بەرسەم ئۇ ئالمىدى،ياندۇرۇپ كەلدىم.بۇنداق راست دەرۋىشلەرنىھايەت كەم بولۇر.يەنە بىر خىل دەرۋىشلەر بار،ئۇلار ھەم كىشىدىن تىلىمەس ،لېكىن بەرسە ئالادۇر.بىر كىشى بەرسە ئالماسلىق كىشىنىڭ ئېھسانىنى قابۇل قىلماسلىق .بۇ مەرتىبە پەيغەمبەرلەر مەرتەبىسىدۇر.دەرۋىشلەرنىڭ بەزىسىنىڭ سۈرىتى راست دەرۋىشكە ئوخشايدۇر،ۋە لېكىن سىرەتى ئۇلارغا ئوخشاش ئەمەس.تەقۋاسى ئۇلارغا ئوخشىغان بىلەن ،ئەمەللەرى ئوخشىماس.شۇنىڭ ئۈچۈن ئېيتىلىپتۇر ئۇلارنىڭ ئەمەللىرىگە باق.زۇھد تەقۋاسىگە باقما.يەنە بەزى دەرۋىشلەر ئۆزىنى دەرۋىش ياساپ ، بازاردىن تەسۋىي ئېلىپ دەرۋىش سۈرىتىگە كىرىپتۇر.ئۇلار نەھايەت قانائەتسىزلىك، سەبرىسىزلىكتىن خالايىقتىن تىلەيدۇر.ئۇلار ئۆز نەپسىنى ئىتائىتىگە كىرگۈزەلمەي دەرۋىشلىك لىباسىنى كىيىپتۇر.يەنە بىر قىسىم دەرۋىشلەر بار،ئۇلار ئۆزىنى ئىشان، قەلەندەر سوپى ياساپ، بىرمۇنچە مۇرىد مۇخلىس يىغىپ ، خانىقانىڭ ئالدىدا تەسۋىرىنى يېيىپ ئولتۇرادۇر.ئۇلار ھەم ھىلىگەر –مەككارلىق ئىشلىتىپ، زىكىر سەما ئەيلەپ ھەم خەلققە فىرىپ بېرىپ بايلەردىن تىلەپ ،ھاممامنىڭ تېشىدا داستۇرخان يېيىپ كەمبەغەللەر ئۈچۈن يېدۈرۈپتۇر.بۇلار مەساجىھلاردۇر. ئىشان دەرۋىشلەرنىڭ ئىبادەتلىرى، ئەمەللىرى ، ھىكمەت ئوقۇيمز دەپ سوپى ، مۇرىد،مۇخلىسلەرنى يىغىپ ، ئىشان ئۆزى مىھراپتا ئولتۇرۇپ ، سوپىلەر چۆرىسىدە يۇمۇلاق ھالقا قويۇپ سۈرە قىلۇرلەر.بىر پەسىل ئوقۇپ ھۇ، ھۇ دەپ چۆرگىلەپ ، قول –پۇتلىرىغا چوڭ ھەرىكەتلەرنى بېرىپ ئۇسسۇل ئوينارلەر.ئۇلاردىن بەزىلەر بىھۇش بولۇپ يىقىلىپ چۈشۈپ ، ئاندىن پۇتلىرىنى تارتىشتۇرۇپ قايتا ئورنىدىن قوپارلەر.تامام قىلار ۋاقتىدا، بىر سۈرە قۇرئاندىن تىلاۋەت قىلىپ دۇئا قىلۇر.بۇلارنىڭ ئەمەللىرى بىر قىسمى ئەمەس.ئىشانلەردىن بەزىسى بىرەر سائەتچە ئۆزى باش بولۇپ ، بېشىنى تۆۋەن سېلىپ شۈك تۇرۇرلەر، ۋە يەنە بەزى ئىشانلەر ئۆرە تۇرۇپ بېشىنى ئۈستۈن قىلىپ بىر سائەتچە تۇرۇپ كېتۇرلەر.بۇ سۈكۈناتنى ئەمەل –تامامىدا قىلۇرلەر.شەيخلەر ۋە ئەھلى سۈننەتلەر رۇيەتكە قايىلدۇرلەر.ئۇلارنىڭ ئېتىقادى خۇدايىتەلانى بېشىمىزدىكى كۆزىمىز بىلەن كۆرۈرمىز دەرلەر.ئىشانلارنىڭ مەزھەبلىرى كۆزىمىز بىلەن كۆرۈرمىز دېگەن ئېتىقادى ئۆلگەندە خۇداغا قوشۇلۇرمىز دەرلەر.خۇددى دەريا سۈيى ،يامغۇر سۈيى قوشۇلغاندەك خۇداغا قوشۇلۇرمىز دەرلەر.خۇدانى بېشىمىزدىكى كۆزىمىز بىلەن كۆرىمىز دىگەن ئېتىقاد ئەھلى سۈننەت ۋە شەيخلەر مۇتاقىددۇر.ئەمما ئۆلگەندە خۇداغا قوشۇلىمىز دېگەن سۆزگە ئەھلى سۈننەت تەۋاققۇفتەدۇر.باشتىكى كۆز بىلەن خۇدانى كۆرمەك ئەھلى ئىسلام جۈملىسىدىن ئىككى تايپە يەنى بىرى ئەھلى تاشايۇ، يەنە بىرى مۇتازىلە.ئىچىدە نە بۇ دۇنيا، نە ئاخىرەتتە، نە كۈندۈز، نە كېچە ۋە چۈشتە مۈمكىن ئەمەس.ئاخىرى ئەقىل –پاراسەت كۆزى بىلەن كۆرمەكتۇر.خۇدادا بەدەن ،جىسم بولمايدۇ ئەلۋەتتە، كۆرمەك مۈمكىن ئەمەس.بەدەن جىسم ئەلۋەتتە مېكانى مۇھتاجدۇر ۋە يەنە ھەر نەرسىگە كۆزگە كۆرۈنۈپ تۇرغان نەرسە پانىيدۇر.

     

    قەلەندەرنىڭ بايانى

       قەلەندەرنىڭ مەنىسى دۇنيا تەرك ئەتكەننى ئېيتۇر.بۇ ھەقتە كىتابىي «گۈلىستان»دا مۇنداق ھېكايەت بار:بىر پادىشاھ بىرمۇنچە ئەشرەفىنى نەزىر قىلدى.قەلەندەرگە بېرىمەن دەپ مەزكۇر ئەشرەفلەرنى ۋەزىرى قولىغا بەردى.ۋەزىرى بىر كۈن شەھەر چۆرگىلەپ،رۇپىيە ئەشرەفلەرنى پادىشاھ ئالدىغا قويدى.ئۇ دېدى:''قەلەندەرلەر ئەشرەفنى قابۇل قىلمادى.ئەسرە قەلەندەر نەھايەت ئازدۇر.''ئۇلار ئۆز رىسقىگە قانغان بولۇپ،كىشىدىن تىلەمەسلەر،لېكىن قەلەندەر ئىسمىنى بۇزغان قەلەندەر سۈرەتلىك بۇلاڭچىلار ھەم باردۇر.ئۇلار بازارلاردا ۋە گۈزەرلەردە توختاپ تۇرۇپ ھەم يولنى توساپ تۇرۇپ تولاراق سەھرالىق خەلقنى پۇل بېرىڭ دەپ ئېسىلىپ توختىماي بىر –ئىككى مۇشت ئۇرەدۇر.بۇنىڭدىن ئاجايىپلانغان يولۇچىلەر قەلەندەرگە بولۇشۇپ، بىر پۇل باشىڭدىن ئۈنۈپ چىققان بولسىمۇ نەرسەڭ بولمامدۇر دەپ دېيىشىپ بېرەدۇر.ئۇ بىچارە ئېيتىدۇر:''بېرەي دېسەم يانچۇقىمدە پۇلۇم يوق ئىدى ''دەپ مىڭ مۇشەققەتتە قۇتۇلۇپ كېتەدۇر.قەلەندەرنىڭ كۇلا-جەندە ، ساپايىسى قەلەندەرنىڭ ئەسۋابىدۇر.كۇلا_ئۇزۇن بىر دوپپىدۇر.جەندە _يۇڭ يىپتىن توقۇلغان بىر چاپان بولۇپ، بىر يىپى ئاق ، بىر يىپى قارا بولىدۇ.جەنجى نان يىغىدىغان خامدىن تىكىلگەن خالتادۇر.كىسە كاسە بولسا يا ياغاچتىن يا قاپاقتىن قىلىنغان تاماق يىغىدىغان قاچادۇر.سەيلە دىگىنى بولسا بىرنەچچە ئىنچىكە قارا يىپلارنى بىر قىلىپ بېلىگە باغلىغان بەلۋاغنىڭ كىندىكنىڭ ئالدىغا توغرا كېلىدىغان يېرىگە قويۇۋالغان قاش تېشى بولۇپ ، ئۇنى بەلۋاققا ئۆتكۈزىۋالىدۇ.سافايى دېگىنى ئۇزۇنلۇقى ئىككى غېرىچلىق ئىككى تال ياغاچقا بىر چوڭراق تۆمۈر ھالقا بېكىتىپ ، تۆمۈر ھالقىگە بىر نەچچە كىچىك تۆمۈر ھالقىلەرنى بېكىتىپ غەزەل ئوقۇغاندا ئۇنى مۈرىسىگە ئۇرۇپ تۇرۇپ ئاۋاز چىقىرىپ ئوقۇيدۇ.بەزى قەلەندەرلەر بىر كالتەك ۋە بىر قوتاز قۇيرۇقىنى بىللە ئېلىپ يۈرۇرلەر.ئۇلارنىڭ بەزىلىرى ئىشان سوپى بولۇپ ئازنە كۈنلىرى ئون ياكى ئون ئىككى كىشى بىر بولۇپ بىرى ئالدىدا  غەزەل ئوقۇپ ماڭسا، كەينىدىكىلەر ھەممىسى ''دوست ئاللاھ ئاللاھ رازاق ئىگىمە''دەپ ئوقۇپ پۇل تىلەپ ماڭادۇر.بۇلار بەزى ۋاقتى ھېيتكار ئالدىدا ساما قىلىپ ئۇسسۇل ئويناپ چۆرگىلەپ ، غەزەل ئوقۇپ پۇل تىلەيدۇر.ئۇلاردىن بەزىلىرى بىر راۋابنى ئېلىپ بىر كىچىك بالىنى بىللە ئېلىپ ئۇسسۇلغا سېلىپ پۇل تىلەيدۇ.ئۇلاردىن بەزىلىرى دۇتار چېلىپ بېرىپ ئۆيدىن –ئۆيگە نان تىلەپ يەيدۇ.ئۇلارغا بىر كىشى بىر نىمە بەرسە قىلىدىغان دۇئاسى مۇنداق:''خۇدايىم ئۇزۇن ئۆمۈر بەرسۇن،خانىي قابەگە يەتكۈزسۇن.ئۇلارنىڭ ئوقۇيدىغان غەزىلى «شاھ مەشرەب»كىتابىدىن يادقا ئېلىۋالغان بىرنەچچە شېئىر ئىدى.ئەگەر سوپى قەلەندەر ئوقۇسا «ئەخمەد يەسەۋى»كىتابىدىن ئوقۇپ پۇل تىلەيدۇر.بەزى قېرىلىرى ،قېرى خاتۇن كىشىلەر ۋە ئۇششاق بالىلەر بىر نەرسە ئوقۇمايدۇر.ئۇلار ئاتا-ئانىلەرنىڭ ئەرۋاھىغا پۇل بەرسىلەر دەپ تىلەيدۇر.ئۇلارنىڭ تىلەيدۇرغان قائىدىسى ''شايۇللاھ''دەر ئىدى ،يەنى خۇدا ئۈچۈن دەپ تىلەيدۇر، بەزىلىرى ھىچنىمە دىمەيدۇر.

     

     

     

      

     


    分享到:

    评论

  • رەخمەت سىزگە مەن بۇ بلوگىنى كۇرۇپ ھەقىقەتەن ياخشى تىمىلار بارلىقىنى بىلدىم ، داۋاملىق يىڭى تىمىللىرڭىز ئۇزلۇپ قالمىغاي
    回复خان جەمەتى 说:
    مەدەت بەرگىنىڭىزگە رەھمەت.
    2010-02-15 04:42:59