• ئوردىدىكى مۇھەببەت قەسىدىسى

    2009-05-14


    版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
    http://www.blogbus.com/tiwish-logs/39396755.html

      شىۋېتسىيە پادىشالىق تۈزۈمىدىكى دۆلەت بولۇپ، خان جەمەتىدىكى  ئاساسلىق كىشىلەر پادىشاھ كارل گۇستاف ، خانىش سىلۋىيا، ئورۇنباسار مەلىكە ۋىكتورىيە، شاھزادە فىلىپ ۋە كىچىك مەلىكە مادېلىنلاردىن تەركىپ تاپىدۇ.

       بۇ يىل ئاپرىلدا مەلىكە ۋىكتورىيە بىلەن ئۇنىڭ سۆيگىنى دانىيال ئىككىسىنىڭ چاي ئىچكۈزۈش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلدى. خانلىق تۈزۈم بويىچە ، تۇنجى پەرزەنت پادىشالىق ئورنىغا ئىزباسار بولىدىغان بولۇپ، ۋىكتورىيە كەلگۈسىدىكى ئايال پادىشاھ ھىسابلىناتتى.

       ۋىكتورىيە بىلەن دانىيالنىڭ مۇھەببىتى 8 يىل داۋاملاشقان بولۇپ، ئاخىرى ئۇلارنىڭ مۇھەببىتى بارلىق توسالغۇلار ئۈستىدىن غالىپ كەلدى. دانىيال ئاددىي تېرىنېر بولۇپ، ئۇ شىۋېتسىيەنىڭ ۋەستېريوتلاند ۋىلايىتىنىڭ بىر يېزىسىدا تۇغۇلۇپ چوڭ بولغان. ئۇ ئىككىسى چېنىقىش زالىدا ئۆزارا تونۇشقان بولۇپ، ئۇلارنىڭ دوستلۇقى تەدرىجى ھالدا كىشىنى تەسىرلەندۈرىدىغان چوڭقۇر مۇھەببەتكە ئايلانغان. خان جەمەتىنىڭ ساپلىقىنى ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن مەلىكىنىڭ خان جەمەتىدىن ياتلىق بولۇشى تەلەپ قىلىناتتى.لېكىن مەلىكە ئۆز مۇھەببىتىنى ھەممىدىن مۇھىم بىلدى ۋە بارلىق قارشىلىقلارنى يېڭىپ چىقتى. بۇلارنىڭ مۇھەببىتى شىۋېتسىيە خەلقىنى مۇھەببەتنىڭ ئۇلۇغ، قۇدرەتلىك كۈچىگە قايىل قىلدى. ئۇلار كېلەر يىلى يازدا توي مۇراسىمى ئۆتكۈزۈشنى پىلانلىغان بولۇپ، مۆلچەرلىنىشچە ئۇلارنىڭ تويىغا 2.5 مىليارت شىۋېتسىيە كروناسى پۇل سەرپ قىلىنىدىكەن.  


    ۋىكتورىيا بىلەن دانىيال


    پادىشاھ ئائىلىسى


    پادىشاھ ئوردىسى

    分享到: