• خوتەندىكى ئېكسپىدېتسىيە

    2009-06-01


    版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
    http://www.blogbus.com/tiwish-logs/40256351.html

    قاراڭغۇ تاغ

       لاڭرۇ يېزىسى خوتەندىن 25 مىل يىراقلىقتىكى كىچىك يېزا بولۇپ ،ئۇ خوتەننىڭ غەربىي جەنۇبىغا جايلاشقان. مەن ئۇ يەردە مېنىڭ سادىق خىزمەتكارىم موڭغۇل تومېس بىلەن تونۇشتۇم.ئۇندىن بۇرۇن خەنزۇ خىزمەتكارلىرىم بولۇپ، ئۇلارنىڭ ھەممىسى سەمىمىيەتسىز چىقىپ قالدى.ئەڭ دەسلەپكىسى لاۋياڭ ئىسىملىك خىزمەتكار بولۇپ ، ئۇ ئەسلىدە بىر لۈكچەككەن، ئۇندىن كېيىنكىسى ئوغرى بوپ چىقتى، ئاشپىزىمدا سىفلىس كېسىلى باركەن.ئىشقىلىپ بۇ خىزمەتكارلار مېنىڭ ھېچ تاقىتىمنى قويمىدى.

         مەن ئۇ ئاشپەزنىڭ كېسىلىنى مۇنداق بايقاپ قالدىم.بىر كۈنى مەن چاقچاق قىلىپ قول چىرىقىمنى ئۇنىڭ كۆزىگە قارىتىپ ياندۇردۇم.ئۇنىڭدا ھېچقانداق ئىنكاس يوق بولۇپ،كۆز قارىچۇقلىرى قورقۇنۇچلۇق ھالدا قارا ۋە يوغان ئىدى.بىر سائەتتىن كېيىن ئۇ چېدىرىمدىن چىقىپ كەتكەندىن كېيىن مەن بارلىق قاچا-قومۇچلارنى يودلۇق تۇز بىلەن دېزىنفېكسىيە قىلىۋەتتىم.

      كېيىن  مەن بۇ ئىشنى خۇممېلغا سۆزلەپ بەرگىنىمدە ئۇ كۈلۈپ كېتىپ مۇنداق دېدى:''سىزنىڭ قىلغان دېزىنفېكسىيىلىرىڭىز ئاقمايدۇ.ئۇنىڭ بۇ باسقۇچتىكى كېسەللىكى ئاللىقاچان يۇقۇملىنىش دەۋرىدىن ئۆتۈپ كەتكەن ''

       كارۋان بېشى ئۇيغۇرچىدا ئارغۇن دەپ ئاتىلىدىغان بولۇپ، ئۇ كىشىنىڭ ئىسمى موسا ھاجى ئىدى.ئۇ كىشى ئاۋرېل ستېىيىننىڭAurel Stein ئېكىسپىدىتسىيىسىدىمۇ ئىشەنچكە ۋە ئابرويغا ئېرىشكەنىدى.

    تومېس مەن بىلەن بىرگە خوتەندە مېترولوگىيىلىك تەكشۈرۈشكە قاتناشتى.مەن ئۇنىڭ بىلەن روس تىلىدا بىمالال سۆزلىشەلەيتتىم.مەن ئارىمىزدىكى بىر سۆھبەتنى تەرجىمە قىلىپ ئۆتەي:''قەلەم ئەمەس.بارومېتر ياخشى ئىشلەۋاتىدۇ.مەن ياخشى.قەشقەردىكى چوڭ باي تۈنۈگۈن بۇ يەردە بولدى.كۈنىگە ئۈچ خوتۇن.''

      خەتتە تومېسنىڭ ياكى باينىڭ كۆپ خوتۇنلىرى بارلىقى ئېنىق ئەمەسىدى.مەنمۇ ئۇنىڭغا ئانچە قىزىقمىدىم.

      لاڭرۇ قاراڭغۇ تاغنىڭ قاراۋۇلى بولۇپ، مال-ۋاران بېقىشقا ناھايىتى ماس كېلىدىغان بولۇپ ،يازدا يورۇڭقاش ۋە قارىقاش دەريا بويلىرىدىن بۇ يەرگە نۇرغۇن پادىلار كېلىپ –كېتىپ تۇراتتى. لېكىن قىش كۈنلىرى قوي بېقىشقا بولمايتتى.

       لاڭرۇنىڭ ئاھالىسى كۆپ ئەمەس بولۇپ، يامان-ياۋىداق ناملاردىنمۇ خالىي، تېنچ يېزا ئىدى.ئوتلاقنىڭ كەينىدە كۇئېنلۇن تېغى سۇنايلىنىپ ياتاتتى.بىز مۇشۇ تاغنىڭ چوققىسى ۋە ئېتىكىدە يەرنىڭ تارتىش كۈچى ۋە ئورۇن بېكىتىش ئۈستىدە ئىزدىنىش ئېلىپ باراتتۇق.

      بىز داۋاندىن ئاتلىق ھالقىدۇق. تاغ داۋىنىدا ئوتلاق بولۇپ، نۇرغۇن سۇغۇرلار ياشايتتى. ئۇلار تاغنىڭ تۆپىسىدە ئولتۇرۇۋېلىپ، قوللىرىنى پۇلاڭلىتىپ خۇددى''ياق،ياق ،ياق''دەۋاتقاندەك قىلىشاتتى.ئۇلار كامارلارنى ئۆزلىرىگە ئۇۋا قىلغان بولۇپ ، بۇ كامارلار بىزنىڭ ترانسىپورت ھايۋانلىرىمىزغا بەزىدە خەۋپ ئېلىپ كېلەتتى.ئۇيغۇرلارنىڭ ئارىسىدا سۇغۇرنى ئوۋلاشقا بولمايدۇ دەيدىغان گەپ بارىدى.بۇنىڭغا مۇناسىۋەتلىك مۇنداق بىر رىۋايەت بار:

       بۇرۇنقى زاماندا پىشا دېگەن بىر يېزا بولۇپ، ئۇ يەردە بىر موللا بىلەن بىر ئاخۇن ياشايدىكەن.ئۇ يەردە مۇنبەت يايلاق بارىكەن.بىر كۈنى ئۇلار جىدەللىشىپ قاپتۇ:كامال موللا بۇ يايلاقنى مېنىڭ دەپتۇ، نىياز ئاخۇنمۇ مېنىڭ ئاتا مىراس جايىم دەپتۇ.كامال موللا ھىلىگەر ئادە مكەن،ئۇنىڭ قىزى ھەنىپىخانمۇ ئەسكى قىزكەن.ئۇلار بۇ دەۋانى خەلققە قويماقچى بوپتۇ ۋە خەلق توپلىنىشتىن بۇرۇن ھەنىپىخان شۇ جايغا بىر ئورەك كولاپ ئۆزى ئىچىگە  چۈشىۋاپتۇ. كىشىلەر يىغىلغاندىن كېيىن كامال موللا كىشىلەرگە ''ئەمىسە يەرنىڭ ئىگىسى كىم ئىكەنلىكىنى يەرنىڭ ئۆزىدىن سوراپ باقساق قانداق،ئاللاھ ئىگەم ئۆزى جاۋابىنى بېرىدۇ''دەپ تەكلىپ بېرىپتۇ.مويسىپىت كىشىلەر بۇ تەكلىپكە قوشۇلۇپتۇ.''يەرنىڭ ئىگىسى كىم بولۇر؟''بىر ئاقساقال سوراپتۇ.شۇ ئان يەرنىڭ تېگىدىن سادا كېلىپ كىشىلەر''كامال موللا!''دېگەن سۆزنى ئاڭلاپتۇ.

       ئاللاھ بۇ ئىشلارنى كۆرۈپ تۇرۇپتۇ ۋە بىر خىزمەتكارىنىڭ قىزىنى داۋغانغا ئايلاندۇرۇپ ۋە''ياق ،ياق ،ياق''دەپ زۇۋانغا كەلتۈرۈپ،يەر يۈزىگە چۈشۈرۈپتۇ.كىشىلەر بۇنىڭ ئاللاھ تەرىپىدىن چۈشۈرۈلگەن مەبۇد ئىكەنلىكىنى ھېس قىلىپ ،ئۇ ئالدامچى موللىنىڭ ساقىلىنى چۈشۈرۈپ، سەللىسىنى ئېلىپ تاشلاپتۇ.ھەنىپىخان ''جالاپ''دەپ قارىلىپتۇ يەنى تاشلاندۇق، يىرگىنىشلىك، مەينەت دېگەندەك مەنىلەردىكى سۆز.

       مەن بىلەن بىللە ئات مىنىپ كېتىۋاتقان نىياز بەگ ماڭا بۇ رىۋايەتنىڭ ئاخىرىنى ئېيتىپ بېرىۋېتىپ ''ئاپلا''دەپلا سول پۇتى داۋغان كامىرىغا چۈشۈپ كېتىدۇ.مەنمۇ كۆزنى يۇمۇپ ئاچقىچە ئۆزۈمنى يەردە كۆردۈم.مەن دەرھال تۇرۇپ ئاتنىڭ چۇلۋۇرىنى تارتىپ ئۆزىمىزنى ئوڭشىۋالدۇق، بۇ قېتىم پەقەت بىر تاللا قەلەمگە زىيان بوپتۇ، قەلەمنىڭ ئۇچى كېتىپ قالغانىدى.شۇنداق قىلىپ بۇ مېنىڭ ئۈچىنچى قېتىم خەتەردىن قۇتۇلۇشۇم ئىدى.

       قاراڭغۇ تاغدىكى كۆۋرۈك ئانچە مەزمۇتتەك قىلمايتتى ،لېكىن مۇندىن ئون يىگىرمە يىل بۇرۇنقى ھالىتىدىن كۆپ ياخشى ئىدى.بۇ ئاسما كۆۋرۈك ماڭا شىۋېت شائىرى تېگنېرنىڭ مۇنۇ مىسرالىرىنى ئەسلەتتى:''ئوخشار ئىدى ئاسما كۆۋرۈك، گويا گۈزۈلۈمنىڭ چېچىدىكى لېنتىسىغا''.كۆۋرۈكنىڭ ئاستىدىن 6 ئېنگىلىس چىسى چوڭقۇرلۇقتىكى دەريا ئېقىپ ئۆتەتتى.كۆۋرۈكتىن ئات ئۇلاق ۋە كىشىلەر ئۆتۈشۈپ تۇراتتى.ئۇلار ئۆتكەندە بىر ئادەم ئۇلاقنىڭ ئارغامچىسىنى تۇتسا، يەنە بىر ئادەم قۇيرۇقىدىن تۇتۇپ تۇرۇپ ئۆتۈشەتتى.ئۇلار نېمىشقا كۆۋرۈكنى مەزمۇتراق ياسىمايدىغاندۇ دەپ سورىشىڭىز مۈمكىن.توغرا ،ئۇلارنىڭ ئۆزلىرىنىڭ شارائىتىغا ماس سەۋەبلىرى بارىدى.ھەر يىلى ئاۋغۇست ئايلىرىدا دەريا تاشىدىغان بولۇپ،شىددەتلىك دولقۇنلار كۆۋرۈكنى يالاپ كېتەتتى.ئاسىيالىقلاردا تەبىئەتنىڭ قارشىلىق كۈچىنىڭ رولى بىز ياۋروپالىقلارغا قارىغاندا كۈچلۈكرەك كېلىدۇ.

         بىز قاراڭغۇ جىلغىغا جايلاشقان نىسا ئىسىملىك كىچىك بىر يېزىغا يېتىپ كەلدۇق.بۇ يەرنىڭ كىشىلىرى بۇغداي ئۆڭ،تەمبەل،كۈچلۈك تاغلىق كىشىلەر ئىدى.

       بۇ جاي دېڭىز يۈزىدىن 9000ئېنگىلىز چىسى ئىگىز بولۇپ،يېزىنىڭ سول تەرىپىدە 17000ئېنگىلىس چىسى ئىگىزلىكتىكى جايتاغ دەپ بىر تاغ بار ئىدى.بىز  سوغۇق ،بۇلۇتلۇق ھاۋادا قالدۇق.تېمپىراتۇراF12گىرادۇس ئەتراپىدا ئىدى. تاغدىن قايتقىچە لىيۇ دوتەي ئەۋەتكەن يەنە بىر ھەمراھىم توختى ئاخۇننىڭ ئېتى ئاغرىپ قالدى.سەۋەبى توختى ئاخۇن ئۇنىڭغا نورمىدىن ئارتۇق يەم بېرىۋەتكەنىدى. ئۇ يېرىم كېچىدە يېنىمغا كېلىپ،'' ئاللاھ،ساھىب،ياردەم ''دېگەن گەپلەرنى قىلدى.مەن بۇنى ئاتنىڭ ئېپى-جېپىنى ئوبدان بىلىدىغان تومېسقا يەتكۈزدۇم.ئۇلار كېچىدە بۇ جانۋارنى باغلاپ بىر تەرەپ قىپ بوپتۇ.ئەتىسى ئەتىگەندە قوپسام، توختى ئاخۇن،كىشىلەرگە ئات گۆشى ساتقىلى تۇرۇپتۇ.لېكىن ئۇ بۇ ئىشلارنى يوشۇرۇن قىلغانىدى.ئۇمۇ ناھايىتى ئازاپلاندى.ئۇ كېتىدىغان ۋاقتىدا مەن ئۇنىڭغا خېلى ئوبدان ھەق بېرىپ ئۇزۇتۇپ قويدۇم.

       دوتەي يەنە بىر نىياز ئىسىملىك كىشىنىمۇ ماڭا قوشۇپ قويغان بولۇپ، ئۇنىڭ تەققى –تۇرقى توختى ئاخۇندىن كېلىشكەنرەك بولسىمۇ لېكىن ئۆزى توختى ئاخۇندىن ناچارراق ئىدى.ئۇ مېنىڭ فوتوغا ئېلىشىمنى چەكلەپ تۇراتتى.بىر قېتىم ئۇنىڭ بىلەن تۇتۇشۇپ قالدۇق.مېنىڭ خىزمەتچىم ئۇنى بىر چەتكە تارتىپ تۇرۇپ ئۇنىڭغا گەپ قىلدى:''سەن بۇيرۇققا بىنائەن ساھىبنىڭ رەسىمگە تارتىشىنى چەكلەۋاتىسەن.ئەگەر سەن ئەقىللىق بولساڭ، بىز بىلەن بۇ ئىش توغرىلىق تالاشمايسەن ھەم سەپەردىمۇ كۆڭۈللۈك ماڭالايسەن،ساھىبمۇ خاپا بولمايدۇ ''دەيدۇ.نىياز بەگ شۇندىن كېيىن خېلى ئادەمگەرچىلىك قىلىدىغان بوپ قالدى.

       تاغدىكى سەپەر ھەققىدە كۈندىلىك خاتىرەمدە مۇنداق قۇرلار يېزىلغانىدى:''تۇمان.بىر سائەت ساقلاش.ناچار.كېچىنى شۇ يەردە ئۆتكۈزۈش.12،500ئېنگىلىز چىسى ئىگىزلىك،1931-يىل دېكابر.سۇ يوق، يېقىلغۇ يوق.ئەكسىچە بەزى قۇرلارنى ئوقۇغاندا سۆيۈنەتتىم:ناھايىتى كۆپ تېزەك،ئىككى چايدان چاي، بىرنەچچە نان بۇردىلىرى.

       ھاۋا ناھايىتى سوغۇق ئىدى.تومېسقىمۇ زۇكام تېگىپ ئاغرىپ قالدى.ئۇ كېسىلىنىڭ داۋاسىنى قىلماقچى بولۇپ، تاغنىڭ تۆۋىنىدە ئۆسىدىغان خاشا دېگەن بىر ئۆسۈملۈكنى ئۈزۈپ كەلگۈزدى.مەن ھەر كۈنى ئۇنى قاينىتىپ ھەر كۈنى ئەتىگەندە تومېسقا ئىچكۈزدۈم.بۇ كۈنلەردە بىزمۇ تەكشۈرۈشتە بولمىدۇق،مەنمۇ يېزىقچىلىقىمنى قىلدىم.

       بىر كۈنى بىز جىلغىدا كېتىۋاتقاندا كۆز ئالدىمىزدا توقسەن ئېنگىلىز چىسى چامىسىدىكى پەلەمپەي كۆرۈندى.ئۇ تەرەپتە بىر كونا شەھەر خارابىلىقى بولۇپ، ناھايىتى ھەيۋەتلىك كۆرۈنەتتى.مەن يولدىن ئۆتۈپ كېتىۋاتقان بىر مويسىپىت كىشىدىن بىزگە ئازراق چاي بېرىشنى ئۆتۈندۈم، شۇنىڭ بىلەن بىز ئۇ كىشىگە ئەگىشىپ ماڭدۇق.

       خارابىلىقتا ئىشىكلەر ، تاملار ۋە تۈۋرۈكلەر بار ئىدى.مەن بىرقانچە كۈن بۇرۇنمۇ''ئوبو''دەپ ئاتىلىدىغان تاش تۈۋرۈكلەرنى كۆرگەن بولۇپ، ئۇ يەردە ئۆلچەپ، خەرىتىگە سىزىپ ۋە خاتىرە قالدۇرغانىدىم.يولدا ئۇچرىغان كىشىنىڭ ئىسمى قادىر ئاخۇن بولۇپ، ئۇنىڭ ئۆيى ئىنتايىن پاكىزە سەرەمجانلاشتۇرۇلغان ،ئۆزىمۇ ياخشى كىشى ئىكەن.ئۇ بىزگە چاي تەييارلاپلا قالماي، يەنە ئايىلىغا دەپ بىزگە تاماق تەييارلاشنى بۇيرىدى.بىز تۇرۇپ، پىياز ،پالەك سېلىنغان توخۇ شورپىسى ۋە چۆچۈرە بىلەن مېھمان بولدۇق.بۇ سوغاق ھاۋادا ئىنتايىن مېزىلىك ھەم ئۇنتۇلغۇسىز بىر قېتىملىق تاماق بولدى.

       قادىر ئاخۇن بىزگە ئۇلارنىڭ بۇ خارابىلىقتا كوزا قاتارلىق بۇيۇملارنى كولاپ ئىشلىتىدىغانلىقىنى ئېيتىپ بەردى.ئۇلارنىڭ ئاسارەئەتىقە قېزىشى ئارخېلوگىيىلىك مەقسەتتە بولماستىن پەقەت ئاسارە- ئەتىقىلەرنى تۇرمۇش بۇيۇملىرى قاتارىدا ئىشلىتىش ئۈچۈن ئىدى.مەسىلەن ، چوڭ كومزەكلەرگە گۈرۈچ قاچىلىغاندا ، گۈرۈچ بەرىكەتلىك بولۇپ ، قانچە ئىشلەتسىمۇ تۈگىمەيدۇ دەپ قارايدىكەن.يەنە كىچىكرەك ساپال قاچىلاردا گۆش ساقلىغاندا، يازدىمۇ چىرىشتىن ساقلاپ ،سالقىن ساقلاش خاسىيىتى بار دەپ قارايدىكەن.

       بىز ئايرىلىدىغان ۋاقىتتا قادىر ئاخۇنغا ئۇنىڭ مېھماندارچىلىقىغا رەھمەت ئېيتىش يۈزىسىدىن ،بىزگە ئۇسسۇل ئويناپ بەرگەن كىچىك قىزىغا كىيىم كېچەك ئېلىپ بېرىڭ دەپ بىر يامبۇ سوۋغا قىلدىم.ئۇ بىز يېگەن تاماقلارنىڭ ئالتە ھەسسسىچىلىك قىممەتتە ئىدى.قاسىم ئاخۇنمۇ بىزگە خاتىرە سۈپىتىدە بىر ئاسارە-ئەتىقە كومزەكنى سوۋغا قىلدى.

       بىز خاشاغا قايتقاندىن كېيىن مەن تومېسقا چاقچاق قىلىپ:''سەن ئاغرىمىغان بولساڭ ،مەنمۇ بۇ بايلىق ياتقان قەدىمىي شەھەرنى كۆرەلمىگەن بولاتتىم''دېدىم.

    ئېنگىلىسچىدىن تىۋىش تەرجىمىسى

      

       لاڭرۇلىقلار

    خۇدا بەردى باي ۋە ئۇنىڭ پەرزەنتلىرى

    گىلەم بازىرىنىڭ ئارقا ھويلىسى

    ئاپتورنىڭ ياردەمچىسى تومېس

    خەتەرلىك ئاسما كۆۋرۈك

    تاغ ئۈستىدىكى ئېكىسپىدېتسىيە

     

    شىندىدىكى ئابدۇرېھىمجاننىڭ پەرزەنتلىرى

      

    خوتەندىكى ھىندىستانلىق گلەم سودىگەرلىرى

    توقۇمىچىلار

    لىيۇ دوتەي ۋە ئۇنىڭ ئائىلىسى

    بىر قېتىملىق ھەربىي پارات

    قارا چاپانلىق كىشى ئەينى ۋاقتىدىكى خوتەن پاشاسى مۇھەممەت ئىمىن ئەمىر

     

     

    分享到:

    评论


  • بۇتىمىنى يوتكىۋالاي
  • سىزنىڭ بلوگىڭىزدا بىزنىڭ تارىخى رەسىملەر بەك كۇپكەن ئامال بولسا . بلوگىڭىزدىكى چىقمىغان رەسىملەرنى قايتا تەھرىرلىسىڭىز بۇپتىكەن ساقلىۋاسام
  • رەخمەت تىۋىش مەن رەسىملەرنى ھەممىنى ساقلىۋالدىم . بلوگىمدىكى ئەلبۇمغا چىقىرىپ قۇياي . روخسەتتۇ ھە ؟