• نويابردىكى ستوكھولم

    2009-11-22


    版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
    http://www.blogbus.com/tiwish-logs/51966872.html

    نويابر ئايلىرىدىكى ستوكھولمنىڭ ھاۋاسى ياكى قىشقا ياكى كۈزگە ئوخشىمايتتى.بۇنداق كۈنلەردە شاۋقۇن –سۈرەندىن خالىي جايغا بېرىپ تىمتاسلىق ئىچىدە بىردەم كاللىنى ئارام ئالدۇرغاچ، تەبىئەتنىڭ بىزگە ئاتا قىلغان ساپ نېمەتلىرىدىن بەھر ئېلىشمۇ كىشىگە ھوزۇر بېغىشلايدۇ.

      ھاۋا تۇتۇق بىر كۈنى چۈشتىن كېيىن  كۆل بويىدىكى ئۇزۇن ئورۇندۇقتا ئولتۇرۇپ ئىسسىق شاكىلات ئىچكەچ، بارماقلىرىمنى ئىسسىتىپ،يىراقلارغا نەزەر سالدىم.كۆلنىڭ يەنە بىر قېتىدا تەنھا بىر ياشانغان كىشى ئولتۇراتتى.ئۇنىڭ يان سىماسى ماڭا شىۋېتسىيىلىك داڭلىق رېجىسسور ئېڭگىمار بېريمان(Ingmar Bergman)نى ئەسلەتتى. مەن بۇرۇن شىۋېتسىيىگە كېلىشتىن بۇرۇن،3 قېتىم ئوسكار مۇكاپاتى ئالغان ھوللىۋۇد چولپىنى ئېنگرىد بېريماننى ((Ingrid Bergmanبىلەتتىم ۋە ئۇنىڭ شىۋىيسىيىلىك ئىكەنلىكى تارىخىدىنمۇ خەۋەردار ئىدىم.ئۇنىڭ رول ئالغان كىنولىرىنى ياقتۇرۇپ كۆرەتتىم، بولۇپمۇ ئۇنىڭ ''كاسابلانكا''فىلىمىنىڭ فىلىم ناخشىسىنى تا ھازىرغىچە سۆيۈپ ئاڭلايمەن.شۇ چاغلاردىلا شىۋېتسىيە تىلغا ئېلىنسا شۇ گۈزەل ئارتىسنى كۆز ئالدىمغا كەلتۈرەتتىم.

       شىۋېتسىيىگە كەلگەندىن كېيىن بىر كۈنى بىر تىياتىرخانە ئالدىدا شۇنداق بىر ئېلاننى كۆرۈپ قالدىم.ئېلاندا''فىلىمنىڭ ئىسمى' مۇھەببەت دەرسى' بولۇپ، نىھاھ تۇرمۇشىنى رېئالىستىك ئەكس ئەتتۈرۈپ بەرگەن ، نكاھنىڭ مۇھەببەتنىڭ قۇربانى بولىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن ، شۇنداقلا فىلىمنىڭ قويۇلىشى ياۋروپادا نىكاھتىن ئاجرىشىش نىسبىتىنىڭ يۇقىرى كۆتۈرىلىشىگە سەۋەپ بولغان فىلىم ئىكەنلىكى ''تونۇشتۇرۇلغانىدى. ئېلانننىڭ ئۈستىگە يوغان قىلىپ ئېنگمار بېرىمان رېجىسسورلىقىدىكى فىلىم دەپ شۇ كىشىنىڭ دەل كۆل بويىدىكى ياشانغان كىشىگە ئوخشايدىغان سۈرىتى چىقىرىپ قويۇلغانىدى.بۇنى كۆرۈپ ئىچىمدە ''ئىككى سائەتلىك بىر كىنومۇ  بىر ئائىلىنىڭ ياكى بىر ئادەمنىڭ تەقدىرىنى ئۆزگەرتىۋېتەرمۇ دەپ ''ئويلاپ قالغانىدىم ۋە شۇ چاغدا يېنىمدىن ئۆتۈپ كېتىۋاتقان كىشىلەرنىڭ ''بۇ كىنونى كۆرىدىغانلار ھەممىسى بويتاقلار''دىيىشكىنىنىمۇ ئاڭلىغانىدىم. كېيىن بىلدىمكى ئېنگماربېريمان (1918-2007)داڭلىق سەنئەتكار بولۇپ، ئۇنىڭ ئىشلىگەن فىلىملىرىدىن تۆتى ئوسكار مۇكاپاتىغا ئېرىشكەنىكەن ۋە شىۋېتسىيىلىكلەر ئۇنىڭدىن ناھايىتى پەخىرلىنىدىكەن.ئۇنىڭ داڭلىق ئەسەرلىرىدىن يەنە ''ياز كېچىسى جىلۋىسى''،''چۈش''قاتارلىقلار بار.ئۇنىڭ ۋاپاتىدىن كېيىن شىۋېتسىيىلىكلەر ئۇنى خاتىرلەش ئۈچۈن بىر كوچىغا ئېنگمار بېريمان كوچىسى دەپ نام بەرگەن.

    Ingrid Bergman

      

    Ingmar Bergman

     شۇنداق بىر مەھەل ئولتۇرۇپ ، تۈن پەردىسى يېيىلىشقا باشلىغاندا،يالىڭاچ دەرەخ شاخلىرى ئارىسىدىن كۆلدە ئۈزىۋاتقان بىر دانە ئاققۇنى كۆرۈپ قالدىم.ئۇ ''ئاققۇ''ئۇسسۇلىنى ئويناپ كۆلگە بىر سىزىق سىزغاندەك قىلدى.ئۇ كۆز ئالدىمدا رېئاللىق بىلەن خىيالىي دۇنيانىڭ چېگرىسىنى سىزغانىدى.

     

     

    分享到: