• قەشقەردىكى ئەنگىلىيە كونسۇلخانىسىنىڭ قۇرۇلۇشى

    2009-11-23


    版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
    http://www.blogbus.com/tiwish-logs/51977987.html

      

       قەشقەردىكى ئەنگىلىيە كونسۇلخانىسىنىڭ قۇرۇلىشى پۈتۈپ قالاي دېگەنىدى.بۇ ۋاقىتتا ئېكسپىدىتسىيە سەپىرىدە بولىۋاتقان سىر ئاۋرېل ستېئىن(Aurel Stein)قەشقەرگە كېلىپ بۇ يېڭى سېلىنغان كونسۇلخانىغا چۈشىدۇ.ئۇ بۇرۇن بىر  قېتىم بۇ كونسۇلخانىغا كەلگەنىدى.ئۇ ھازىر بۇ قۇرۇلۇشنىڭ بۇرۇنقىدىن ياخشى سېلىنغانلىقىنى كۆرۈپ ماڭىمۇ كۆپ ياخشى تەرىپىنى قىلدى.

       ئۇنىڭ ھىندىستان ۋە  شىنجاڭدىكى خەلقلەر ئۈستىدىكى سېلىشتۇرمىسى ۋە خۇلاسىسى مېنى ھەيران قالدۇردى.ئۇ ئۇيغۇرلار ھەققىدە مۇنداق ھۆكۈمگە كەلگەنىدى:

       ''ئۇيغۇرلاردا ئىپتىدائىيلىقنىڭ بارلىق شەكىللىرى مەۋجۈت بولۇپ،تىرىشچان ۋە تەرەققىيپەرۋەر كېلىدۇ، بۇ خىل خاراكتېرنى ھىندى خەلقى ئارىسىدىن ئۇچراتقىلى بولمايدۇ.مەسىلەن، مەن سەپەردە بىرەر يەرلىك ئۇيغۇرنىڭ ئائىلىسىدە قوناقتا قالسام، ئۆزۈمنى ناھايىتى بەھوزۇر ھېس قىلىمەن، تاماقلىرىنى بىمالال يىيەلەيمەن، بىر ياۋروپالىق ئۈچۈن ھىندى ئائىلىسىدە تۇرغاندا بۇ خىل شارائىتتىن ھوزۇرلانغىلى بولمايدۇ.

    گەرچە قۇرۇلۇش ئەڭ ئىپتىدائىي ئەمگەك ۋاستىلىرى ۋە ئاددىي ئۇسۇل بىلەن ئېلىپ بېرىلسىمۇ، بۇ زېمىندىن قول ھۈنەرۋەنچىلىكنىڭ ئەڭ دەسلەپكى ئاساسىنى تاپقىلى بولىدۇ.ئۇلار پەقەتلا تەربىيىلەش ۋە تەرەققىي قىلدۇرۇشقا مۇھتاج''.

     ئەينى ۋاقىتتا، قەشقەردىكى روس كونسۇلخانىسى قۇرۇلۇشىنىڭ ئىنجېنىرى روسىيىلىك ئۇستاملارنىڭ قولىدىن چىققان دەرىزە ۋە ئىشىكلەرنى ئاتقا بېسىپ 50-60 شىۋېت  مىلى يول يۈرۈپ بۇ يەرگە ئەكەلدۈرمەكچى بولغانىدى.ئۇ بۇ يەرگە كېلىپ ، ئەنگىلىيە كونسۇلخانىسىنىڭ ئايۋانلىرىدىكى تۈز ھەم سىپتا چىققان ياغاچچىلىق ۋە تامچىلىق ھۈنەرلىرىنى كۆرۈپ،ئۇيغۇرلارنىڭ بۇ خىل ھۈنەرلىرىدىن ھەيران قالىدۇ ۋە چوقۇم ئۇلار مەلۇم بىر روس ئۇستامدىن تەلىم ئالغان بولۇشى مۈمكىن دەپ ئويلايدۇ.

       مىسسىئونېر بەكلۇند (Magnus Bäcklund )ياغاچچىلارنىڭ پىرى دەپ نام ئالغان بولۇپ ،ئۇ ياۋروپاچە ئىشىك ،دەرىزە ياساش ھۈنەرلىرىنى ئۇيغۇر شاگىرتلىرىغا ئۆگىتىدۇ.ئۇنىڭ بىر شاگىرتى قەشقەر بويىچە ئەڭ ئۇستا ياغاچچى بولۇپ قالىدۇ.شۇ تەرىقىدە باشقا مىسسىئونېرلار تامچىلىق، لايچىلىق، قۇيمىچىلىق ھۈنەرلىرىنى ئۇلارغا ئۆگىتىدۇ.ئۇيغۇر شاگىرتلار بىلمىگەن نەرسىلىرى بولسا ''شەيتان ''دەپ ئاتىشاتتى.

       ئۇيغۇرلارغا ھۈنەر ئۆگىتىش ئۈچۈن ئاۋۋال ئۇلارنىڭ ئىدىيىسىگە ئۆزىنى سىڭدۈرۈش لازىم ئىدى.بۇ بىزدىن بىلىم ۋە سەۋرچانلىقنى تەلەپ قىلاتتى.

                                        شىۋېتچىدىن تىۋىش تەرجىمىسى

     

                                                                                       

      تامچىلار

    كونا قۇرۇلۇش ئۇسۇلى

     

    ياغاچچىلىق ۋە خارەتچىلىك

     

    قەشقەردىكى ئەنگىلىيە كونسۇلخانىسى

        تارتقان John Törnquistسۈرەتلەرنى  

    分享到:

    评论

  • هازئرقئ ظورنئ قةيةرگة توغرا كصلئدئكةن ؟
  • yahxi tima
  • ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم قېرىندىشىم. سىزنىڭ بلوگىڭىزغا كەلگىنىمدىن ئىنتايىن خۇشالمەن،ئۇلىنىش قىلشاق قانداق؟
  • سىزنىڭ بلوگىڭىزدا ھەقىقەتەن مول مەزمۇنلۇق بىلىملەر بار ئىكەن. بلوگىڭىزنى ئۇلىنىشقا قوشۇۋالدىم. ھەمكارلىقىمىز راۋاجلانغاي!
    چەۋەندازلار سىزگە ھەمراھ!
    http://qawandazlar.blogbus.com/